باش بەت

كىنوچى

33يوللانما
9مەستانە

«قارا تۇل خوتۇن» نىڭ فىلىمى ئىشلىنىشى مۇمكىن، سىز كۈتۈشنى خالامسىز؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 15:38 11 ئىنكاس چۈشتى

«يېشىل گىگانت ئادەم»، «پولات پالۋان»، «ئامېرىكا كاپىتان» دىن «چاقماق ئىلاھى»، «چۈمۈلە ئادەم» ۋە «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» غىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارۋېل ھەجۋىي رەسىمىدىن ئۆزگەرتىلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار فىلىمى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. مانا بۈگۈن، مارۋېل دۇنياسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئايال دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان «قارا تۇل خوتۇن Black Widow» مۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇستەقىل كىنوسىنى كۈتىۋالىدىغان بولدى.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «مارۋېل ئاتىسى» Stan Lee ئاۋسترالىيە برسىباندا Supanova مارۋېل كۆرگەزمىسىگە قاتناشقاندا، كەلگۈسىدە «قارا تۇل خوتۇن» نىڭ مۇستەقىل فىلىمى بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قارىماققا، مىڭلىغان مارۋېل مەستانىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا مارۋېل بوۋايمۇ بۇ ئايال دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، گەرچە مارۋېل ئورگان تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن Stan Lee نىڭ مەرتىۋىسىنى ئويلاشقاندا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆز يەنىلا چوڭ سالماققا ئىگە.

سىكارلېت جوھانسون ياراتقان «قارا تۇل خوتۇن» ئوبرازى ئاللىبۇرۇن مارۋېل مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ بولدى، ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا تۈمەنلىگەن مەستانىلەرگە ئېرىشتى. بۇندىن بۇرۇن، ئۇ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى1»، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى2»، «ئامېرىكا كاپىتانى2» ۋە «ئامېرىكا كاپىتانى3» قاتارلىق فىلىملەردە قارا تۇل خوتۇن رولىنى ئالغان بولۇپ، لېكىن «پولات پالۋان»، «ئامېرىكا كاپىتانى»، «چاقماق ئىلاھى» قاتارلىق «پېشقەدەم» دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ ئاللىبۇرۇن مۇستەقىل فىلىم ئىشلىنىپ بولدى، ھەتتا «چۈمۈلە ئادەم» ۋە «قارا قاپلان» دەك يېڭى پېرسوناژلارنىڭمۇ مۇستەقىل فىلىمى ئىشلىنىپ بولدى، پەقەت قارا تۇل خوتۇننىڭلا مۇستەقىل فىلىمى يوق، بۇمۇ ھەم كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

Stan Lee دىن باشقا يەنە، «چاقماق ئىلاھى3» نىڭ رېژىسسورى تايكا ۋايتىتىمۇ قارا تۇل خوتۇننىڭ مۇستەقىل فىلىمىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن. سىز كۆپلىگەن مارۋېل فىلىمىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بۇ ئايال دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىماننىڭ فىلىمىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ماھىرە بىلەن424 كۈن ئىلگىرى

    ئامراق مەن بۇ ئايالغا كىنودا دەھشەت ياخشى رول ئالىدۇ تەنناز

  • بىلىمەن ساغلاملىق تورى6 كۈن ئىلگىرى

    بۇنىڭغا بەك ئامراقتىم مەن، ئەمما لەقىمى ھەجەپ سەتكىنا…

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    ھازىر ئىشلەنمەكچى بولغان كىنو ، سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بولىدۇ

  • مىھرىزات6 كۈن ئىلگىرى

    نىمىشقا قارا تۇل خوتۇن دەيدىغاندۇ،قارا كىيىم كەيگىنى ئۈچۈنما،

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    جاھانگىر ، ئۇ كىنودا بۇ ئايالنىڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىشى 100 پىرسەنتكە يېتىپ تۈگەيدۇ كىنو

  • nur1376 كۈن ئىلگىرى

    بۇئىم nna ۋاسكېتبول چولپىنى كېۋىن دۇرانتنىڭ مۇھەببىتىغۇ دەيمەن.

  • جاھانگىر6 كۈن ئىلگىرى

    ھىلىقى تەيۋەنلىك قارا جەمىيەتنى يوقتىدىغان كىنوسىدىكى ئادەم مىڭىسىنىڭ 20%ئىشىلىنىشىدىن كىيىنكى ئادەمنىڭ ھىچنىمىدىن قورقىمايدىغان بولۇپ كىتىشى مىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان بۇ خوتۇننىڭ كىنوسىنىڭ ،،،،

  • گۈل6 كۈن ئىلگىرى

    مەن بەك ئامراق بۇ ئايالغا

  • رەھىمدىل6 كۈن ئىلگىرى

    مەن بەك ياخشى كۆرىدىغان ئارتىس بۇ

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي خالىمامتىكى خالىمامتىكى … ئەلۋەتتە خالاي«مەن»

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号