باش بەت

ئىدىقۇت887

6844يوللانما
11مەستانە

ئالىملار 8000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمكى قىزىل ھاراقنى بايقىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 14:14 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا گىرۇزىيە جۇمھۇرىيىتىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى قىزىل ھاراقنى بايقىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئالىملار قىزىل ھاراقنى تەخمىنەن 7000  يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان دەپ قاراپ كەلگەنىدى، لېكىن ھازىرقى ئەڭ يېڭى دەلىل-ئىسپاتلار قىزىل ھاراقنىڭ تارىخىنى 8000 يىل بۇرۇنقى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگىچە ئاپارغانىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىراننىڭ زاگرۇس تاغ تىزمىسىدىن بايقالغان ئەڭ قەدىمكى قىزىل ھاراقنىڭ تارىخىنى 7000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەرگىچە سۈرۈشتۈرگىلى بولاتتى. لېكىن كانادا تورۇنتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گىرۇزىيە دۆلەتلىك مۇزىيىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپانىڭ شەرقىي قىسمى ۋە غەربىي ئاسىيا ئارلىقىغا جايلاشقان جەنۇبىي كافكاز رايونلىرىدا ياشىغان كىشىلەر 8000 يىل بۇرۇنلا ئىچكەن ئادەمنى ھاياجانلاندۇرالايدىغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى كەشىپ قىلغانىكەن.

            

ئالىملار گىرۇزىيە پايتەختى تىبلىس (Tbilisi) نىڭ 30 ئىنگلىز مىلى جەنۇبىدىكى ئىككى خارابىلىقتىن بىر قىسىم ساپال قاچا-قۇچا پارچىلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ قاچا-قۇچىلاردا ئۈزۈم شۇنداقلا ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ساقلانغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ژۇرنىلىدا بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەڭ ئىلغار بولغان خىمىيىەىك ئاجرىتىپ ئېلىش ئۇسۇلىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ساپال قاچا-قۇچىلاردا تارتارىك كىسلاتا، ئورگانىك كىسلاتا شۇنداقلا كەھرىۋا كىسلاتاسى، سىترات كىسلاتاسى (يەنە لىمون كىسلاتاسى) قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.


 كانادا تورۇنتو ئۇنۋېرسىتىتى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرق مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورى سىتىفېن باتىك  (Stephen Batiuk) مۇنداق دېگەن: «بىز گىرۇزىيەدىن بايقالغان بۇ قىزىل ھاراقنى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى قىزىل ھاراق ئەۋرىشكىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمىز، بۇ ياۋا ياۋرو-ئاسىيا ئۈزۈمى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ئەڭ قەدىمىي دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بىرى، بۇ خىل ياۋا ئۈزۈم پەقەت ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش ئۈچۈنلا تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن». بۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا دېھقانچىلىق ۋە ھايۋاناتلارنى كۆندۈرۈش شۇنداقلا ساپال بۇيۇملار ۋە توقۇمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى، تاش بۇيۇملارنى سىلىقلاپ ياساش ھۈنەر-سەنئىتى قاتارلىقلارنى كېڭەيتىش ئىدى. دوكتور سىتىفېن باتىك مۇنداق دېگەن: «ساپال قاچا-قۇچىلار ئىچىملىك ساقلاشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك قورال بولۇپ، ئۇنى ياساش ئاسان، ئىشلىتىش قولاي شۇنداقلا ئېچىتىلگەن ئىچىملىكلەرنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ دەۋرلەردە سەنئەت، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك شۇنداقلا ئاشپەزلىك كەسپى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن».

دوكتور سىتىفېن باتىك تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى گىرۇزىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاراق مەدەنىيىتى تىببىي داۋالاشتىن تارتىپ تاكى بايرام تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگىچە بولغان تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، ھاراق يەنە ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاماخور6 كۈن ئىلگىرى

    ئەپسۇز ھاراق يوقكەن ئەمەسمۇ . ناۋادا بۇلۇپ بىر رومكىلا ئىچۋالسىڭىز سىزنى بىرە مىڭ يىل كەيىپ قىلىپ قۇيارمۇ

  • جان6 كۈن ئىلگىرى

    ما ئاراقتىن بەكەن بولسا بىر رومكا ئىچكەن بولسام

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号