باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

«باخۇبالى»نى دورىماقچى بولغان ھىندىستانلىق ئەرنى پىل ئۇچۇرتىۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 14:14 13 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ھىندىستان كېرالا ئىشتاتىدا تىياتىرلىق كۆرۈنۈش يۈز بەردى. بىر ھىندىستانلىق ئەر پىلنىڭ خارتومىغا ياماشماقچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن، غەزەپلەنگەن پىل دەقىقە ئىچىدە ئۇنى بىر «ئۇچۇرتۇپ» يەرگىلا يىقىتتى.

ناھايىتى ئېنىقىكى، بۇ ھوشسىز ئەر ھىندىستان داڭلىق كىنوسى «باخۇبالى»دىكى باش پېرسوناژنىڭ پىلنىڭ خارتومىدىن دۈمبىسىگە يامىشىپ چىقماقچى بولغاندىكى كىلاسسىك كۆرۈنۈشنى دورىماقچى بولغان. بۇ ئەر پىلنىڭ خارتومىغا ياماشماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ دوستى Facebookتا بىۋاستە تارقىتىش قىلغان.

ۋىدىيودىن بىز ئەرنىڭ دەسلەپتە بىر قانچە قېتىم پىلنىڭ خارتومىنى تۇتماقچى بولغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى قولى بىلەن چىشىنى تۇتىۋېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياماشماقچى بولغاندا، پىلنىڭ بىر «پەشۋا» بىلەنلا ئۇنى ئۇچارتىپ، يەرگىلا تاشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئارقىدىن، قاتتىق چۈشكەن ئەر ھوشىدىن كەتكەن.

شۇ جايدىكى ھىندىستانلىق كىشى: «پىل بۇ ئوينى ئازىراقمۇ قىزىقارلىق دەپ قارىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەرنى توپنى تاشلىغاندەك، پىرقىرىتىپ ئېتىۋەتتى»، دېدى.

ئەر پىلنىڭ خارتومىغا ياماشماقچى بولدى.

ئاچچىقى كەلگەن پىل ئەرنى ئۇچۇرتىۋەتتى.

ئەر ھوشىدىن كەتكەندە، ئۇنىڭ دوستى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يانفون بىلەن پۈتكۈل جەرياننى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

بۇ ئىش يۈز بەرگەندە، بۇ ئەر بىلەن دوستلىرى شۇ جايدا ئارام ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار: «بىز ئورمانلىقتا باغلاقلىق پىلنى كۆردۇق، ئەتراپتا ئادەم بولمىغاچقا، بۇنى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ساراڭلىقىمىز تۇتۇپ، بىر ئىش قىلىشنى ئويلىدۇق»، دېدى.

«ئالدى بىلەن بىز ئەتراپتىكى دۇكاندىن ئازىراق مېۋە-چېۋە ئېلىپ، پىل بىلەن دوستلاشماقچى بولدۇق، ئۇ خۇشاللىق بىلەن بىز بەرگەن بانان ۋە باشقا مېۋە-چېۋىلەرنى يېدى».

شۇ جايدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، «ئۇچۇپ» كەتكەن ئەر ئۆزىچە پىلنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتىم دەپ قاراپ، مانا مۇشۇنداق ئەخمىقانە «ئالاھىدە ماھارىتى»نى قىلغان.

ئۇنىڭ دوستلىرى تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇ پىلنىڭ خارتومىغا ياماشماقچى بولغاندا، قاتتىق نارازى بولغان پىل ئۇنى بىر سىلكىپلا ئۇچارتىۋەتتى».

«راست ئۇ ئىنتايىن قاتتىق چۈشتى، نەق مەيداندىلا ھوشىدىن كەتتى، بىز دەرھال ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق».

بۇنىڭغا قارىتا، ياۋايى ھايۋانلار مۇتەخەسىسىىنىڭ بىلدۈرۈىشىچە، بۇ ئەرنىڭ گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كېلەلىشى ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. ئەگەر پىل باغلانمىغان بولسا، بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئۇدۇل جەھەننەمگە يول ئالغان بولاتتىكەنتۇق.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ࿐ི༘ كەپسىز ༄8 سائەت ئىلگىرى

    ئۆزىنى باھۇبالى ( پىرابخاس ) چاغلاپ قاپتۇ دە بىچارە ساراڭ

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى5 كۈن ئىلگىرى

    شۇ پەيىتلەردىكى مۇزىكىسى پەيزى ھە

  • aysajonn5 كۈن ئىلگىرى

    قىسقان بىر ھۈنەر دىگەننى ئاڭلىماپتۇدە بۇ بايقۇش

  • JoKeR6 كۈن ئىلگىرى

    كىنونى كۆپ كۆرەپ كىتىپتۇ

  • شاكىلات قىز6 كۈن ئىلگىرى

    ساقىيىپ كىتەسىز، پات ئارىدا

  • شاكىلات قىز6 كۈن ئىلگىرى

    ”ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن، ئەرباپ سالا ھەر باپ بىلەن“ دىگەن شۇدە، قىززىقارلىق ئىشبوپتىغۇ مانا

  • 187******336 كۈن ئىلگىرى

    ھۇ ھا ھاھاھاھاھا تولىمۇ پەيزى چىقىپتۇ

  • ھاياتىم گۈزەل6 كۈن ئىلگىرى

    تور چولپىنى بولاي دىگەن چېغى!
    يەنىلا مەقسىتىگە يېتىپتۇ بۇ كىشى.

  • مېسسى شاھ6 كۈن ئىلگىرى

    ھاھاھاھاھا ھاھاھاھاھا

  • مۇسابىقە6 كۈن ئىلگىرى

    خوپ بوپتۇ،ئەمما ، لېكىن ۋەھشىي يارام كىنو.جۇمۇ ، لېكىن ، ئارتىس كېلىش ىكەن ئەمەس.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号