باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

iPhone X ۋە سامسۇڭ S8 سامۇراي قىلىچىدا سىناق قىلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 13:25 26 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىللىق iPhone X بىلەن سامسۇڭ S8 گە ئوخشاپ كېتىدىغان قوش ئەينەك ۋە مېتال ئوتتۇرا رامكا ئىشلىتىلگەن، ئۇنداقتا قايسىسى بەكرەك چىداملىقتۇ؟ چەت ئەللىك باي ئىككىسىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا سىناق قىلىپ، چىدامچانلىقىنى سىناپ كۆردى. 

سىناقتا iPhone X بىلەن سامسۇڭ S8دىن باشقا يەن بىر قىلىچ ئىشلىتىلدى، بۇ باي بىر ئەڭ يېڭى ياپونىيە سامۇراي قىلىچىدا ئىككى يانفوننى كەستى. 

ئۇ ئىككى يانفوننى ئىككى ياغاچ تۈۋرۈككە مۇقىملاشتۇرۇپ، سامۇراي قىلىچى بىلەن توغرىسىغا چاپتى. 

سۈرەتتىن بۇ ئىككى يانفون ساموراي قىلىچىدا چېپىلغاندىن كېيىن، ئەينەكلىرى چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

سۈرەتتىن قارىغاندا، سولدىكى iPhone X بەكرەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن، ئېكرانىمۇ پارچە-پارچە سۇنۇپ كەتكەن. ئوڭدىكى سامسۇڭ S8نىڭ ئېكرانىمۇ سۇنۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاساسەن چاپلىشىپ تۇرۇپ قالغان. 

ئەلۋەتتە بۇ باي بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالغاي، يانفوننى توغرىسىغا مۇقىملاشتۇرۇپ قىلىچ بىلەن iPhone Xنى تىك يۆنىلىشتە چاپقان. iPhone X دەقىقە ئىچىدە ئاجراپ پارچىلىنىپ كەتكەن، ئىچىدىكى باتارىيەسى، ئاساسىي تاختىسىمۇ كۆرۈنۈپ قالغان. 

ئارقىدىن سامسۇڭ S8مۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا چېپىلغان، ئەمما سىناق نەتىجىسى iPhone Xكە تامامەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، چېپىلغان ھامان سامسۇڭ S8نىڭ گەۋدىسى ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن. سىناق نەتىجىسىدىن قارىغاندا iPhone X گەۋدىسىنىڭ چىدامچانلىقى بەكرەك كۈچلۈكتەك قىلىدۇ، سامسۇڭ S8نىڭ گەۋدىسى سەل ئاجىز بولسا كېرەك. ئەمما بۇنداق سىناق قىلىشنىڭ زادى قانداق ئەھمىيىتى بار؟ 

باش سۈرەت تاللاش x
  • كىمدۇ4 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي قانداق قىلىدۇ بىكاردىن ئىككى تېلفۇننى چېقۋېتىپ دەيمە

  • شۇ شۇ5 كۈن ئىلگىرى

    ماڭا ئەۋەتسە بوممامدۇ ما گۇي .........

  • Arslan5 كۈن ئىلگىرى

    ئۈزىنىڭ تورىدا ئېلان قىسا پۇلدارلىغىنى يېنابىر بىلدىرۈپ قۇيا شۇ

  • ئادىل 09985 كۈن ئىلگىرى

    ئاۋۇ سامۇراي قېلىچى ھەقىقەتەن نوچى ئىكەن.

  • amrak785 كۈن ئىلگىرى

    ناھايىتى بىمەنە سىناق بوپتۇ بۇ ئىنىقلا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس جەڭگە قاتناشتۇرمىسا يا تېلفۇن دىگەننى ئۆزى بىر نەسە چىقىرالمايدىغان خەخ بىر نەسە چىقاسا توختىماي قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرگەن باشقا قىلدىغان ئىشى يوقمۇ دەيمەن بۇ خەخنىڭ

  • ARR5 كۈن ئىلگىرى

    ئەمدى سۇدا پىشۇرۇپ، ياغدا قۇرۇپ دىگەندەك سىناق قىلىپ باقسا بۇلىدۇ، ساراڭ قېتىشلا

  • N!D@6 كۈن ئىلگىرى

    قىلىدىغان ئىشى يۇق ساراڭمىدۇ ئۇ ؟ نىمە زۆرۇريىتى ئۇنداق سىناقنىڭ؟ كاللىسىنىڭ دەدىبا نىمىكىنا بۇ!

  • ...........6 كۈن ئىلگىرى

    قان داق ساراڭ خەخ بۇ تىلفۇن دىگەن نىڭ ئۆزەك لىرى چىدام چان بولسا بولدى كىم تىلفۇنىسىنى چەڭگە قاتناشتۇرى دىكەن

  • ئېسىل09986 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىنى قىپ بولدى ئەمدى قانداق قىلا بۇ ساراڭلا

  • قەخرىمان6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئايفوننى بىركۇنى ئوتقا تاشلاپ باقىدىكەن بىركۇنى سۇغا تاشلاپ باقىدىكەن بىركۇنى ماشىنىغا باستۇرۇپ باقىدىكەن يەنەبىركۇنى پويىزغا باستۇرۇپ سىناق قىپ باقىدىكەن ئەمدى چاناپ بېقىپتۇ توۋا نىمە گۇنا قىلغان تېلفۇندۇ مۇشۇ ھە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号