باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

ئەرمەك ھايۋانلارغا تاماق ئېتىپ يۇقىرى كىرىم قىلغان يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 16:00 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 15-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاماق يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ شەھەرلەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرى تاماق يەتكۈزگۈچى يىگىتلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. مۇشۇ تېز يەتكۈزگۈچىلەر ئارىسىدا سەنشى تەييۈەنلىك جياڭ پېڭفېي ئىسىملىك ئالاھىدە يىگىتتىن بىرى بار. چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى ئادەملەرنىڭ تامىقىنى توشۇماستىن، ئەرمەك ئىتلارغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى توشۇيدۇ. 

90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان جياڭ پېڭفېي ئىقتىسادشۇناسلىق ئۆگەنگەن، بىراق، كەسپىگە قارىغاندا ئەرمەك ھايۋانات بېقىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىدە 4 ئىت، 8 مۈشۈك بار. ئەرمەك ھايۋاناتلار ئاشخانىسى ئېچىشتىن ئىلگىرى ئۇ خېلى كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ ئەرمەك ھايۋاناتلار ئوزۇقلۇقىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە خۇرۇچ تەييارلاشنى ئۆگەندى، ئىككى يىل ئىلگىرى زاكاز بويىچە ئەرمەك ھايۋاناتلار يېمەكلىكى تەييارلاشنى باشلىدى ھەم توردا خېرىدار مەنبەسى ھاسىل قىلدى.

بىر يىل ئىلگىرى ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئەرمەك ھايۋاناتلارغا ئامراق ما جىننەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئىككەيلەن بىرلىكتە ئەرمەك ھايۋاناتلار ئاشخانىسى ئاچتى. بىر يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، يىلىغا 300 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىغان ھالەتكە يەتتى.

جياڭ پېڭفېي تاللا بازىرىغا بېرىپ يېڭى ماتېرىياللارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن «ئۇستا ئاشپەز»گە ئايلىنىپ ئەرمەك ھايۋاناتلار يېمەكلىكى تەييارلاشقا باشلايدۇ. 

ئۇ ئادەتتىكى تاماقلاردىن باشقا، يەنە ھەرخىل شەكىللىك پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرىدۇ، يېڭى سۈتلەردىن مېۋە ئۇيۇتمىسى ياسايدۇ، ئالاھىدە قۇرۇتۇش ماشىنىسى ئارقىلىق ئالما، ھايمانتۇس قاتارلىقلارنى پارچىلاپ قۇرۇتۇپ ئىتلار ئەڭ ئامراق مېۋە يېمەكلىكى تەييارلايدۇ.

ئۇ: «بىز ئەرمەك ھايۋاناتلارغا يېمەكلىك تەييارلىغاندا ئۆزىمىزنىڭ يېمەكلىكىدىنمۇ يۇقىرى تەلەپ بىلەن مەشغۇلات قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىنسانلارنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئوزۇقلۇقلار تەڭشىلىشى، ھېچقانداق تېتىتقۇ قوشۇلماسلىقى كېرەك. بازارلاردىكى ئىت يېمەكلىكىگە ناھايىتى خۇشپۇراق تېتىتقۇلار قوشۇلۇپ خېرىدارلارنى قىزىقتۇرىدۇ» دېدى. 

جياڭ پېڭفېي تەييارلىغان يېمەكلىكىنى خېرىدارىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى. 

بىر بالا باققۇچى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئائىلىدىكى ئىتنىڭ سىرتتىن ئەكەلتۈرۈلىدىغان ئىككى ۋاقلىق تامىقىغا ھەر كۈنى 50 يۈەن كېتىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن چۈشىنەلمەي: «بىر ئىتنىڭ بىر ئايلىق تامىقىغا 1500 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىكەن، مېنىڭ مائاشىممۇ ئۇنىڭدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. مەن ئۇ ئىت يېگەن تاماقلارنى ھەرگىز يېيەلمىگۈدەكمەن» دېدى.

جياڭ پېڭفېي: «گەرچە ھازىر ئاشخانىمىزنىڭ كىرىمى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، 3 يىلدا بىر مىليوندىن ئېشىشىغا ئۈمىدىم بار. چۈنكى ئەرمەك ھايۋاناتلار ئاشخانىسىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق» دېدى.

ئەرمەك ھايۋاناتلار ئاشخانىسى ئاچقاندىن كېيىن ئۇ قاتتىق ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كېچە سائەت 2-1دە ئۇخلاش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن ۋاقتىنچە ئىت باقىدىغان ئورۇننى ياتاق ئۆي قىلىۋالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号