باش بەت

ئىدىقۇت887

6844يوللانما
11مەستانە

ئارگېنتىنالىق ئەر قىزىغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بۆرىكىنى ساتماقچى بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 15:39 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارگېنتىنادىكى ماكسىمىلىيانو جاۋىر ئالماندوز (Maximiliano Javier Almandoz) ئىسىملىك ئەر تەيچۇەن گۇمپىسى تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئارگېنتىناغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنىدى. 40 ياشقا كىرگەن بۇ دادا 15 ياشلىق قىزىغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن يېقىندا بۆرىكىنى ساتماقچى بولغان.

گەرچە ماكسىمىلىيانو ئىسىملىك بۇ ئەر ئىلگىرى تەيچۇەن گۇمپىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولۇپ خېلى كۆپ پۇل تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر رېستۇراندا مۇلازىملىق قىلىپ ئېيىغا 610 فوندسىتېرلىڭ (يەنە تەخمىنەن 5300 يۈەنگە تەڭ) مائاش ئېلىپ ئائىلىسىنىڭ ئىقتسادىي تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى بويىنىس-ئايرىستىكى كىچىك ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

ماكسىمىلىيانونىڭ قىزى ئاراسېلى (Araceli) پات ئارىدا 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۆرىكىنى سېتىپ قىزىغا ھەشەمەتلىك تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان. 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ بىر قىزنىڭ ئايالغا ئايلانغانلىقىنىڭ سىمۋولى ئىدى. ماكسىمىلىيانو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چىقارغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر تال بۆرىكىمنى سېتىپ قىزىمغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى، مەن ھەپتىسىگە 7 كۈن، كۈنىگە 17 سائەت ئىشلەپ پۇل تاپمىسام بولمايدۇ، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تاللىشىم يوق».

ماكسىمىلىيانو قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى ماشىنىسىنى ساتماقچى شۇنداقلا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئويى ئەمەلگە ئاشماي قالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بەلكىم بۇ خىل قىلمىشىم ناھايىتى ئەخمىقانە قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن، لېكىن مەن قىزىمغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، قىزىم ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلسىلا، مەن شۇنىڭدىن رازى. قىزىمنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ، ئەگەر قىزىممۇ مۇشۇنداق قىلالمىسا، چوقۇم ناھايىتى مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ».

ماكسىمىلىيانو تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «قىزىم ماڭا 11 ياش ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ 15 ياشقا كىرگەندە دېسنىي شاتلىق باغچىسىغا بارغۇسى بارلىقىنى ئېيتقانىدى، لېكىن مېنىڭ قىزىمنى دېسنىي شاتلىق باغچىسىغا ئاپارغۇدەك پۇل نېمە ئىش قىلسۇن؟ مەن يا ئوغرىلىق قىلمىسام، پەقەت مۇشۇنداق قىلماي ئامال بولمىدى».

ماكسىمىلىيانو تەيچۇەن گۇمپىسى تېرىنىرى بولۇپ پۇل تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئارگېنتىناغا ۋەكىل بولۇپ خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 دانە ئالتۇن مېدال ئالغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يەكەن ئوغلى6 كۈن ئىلگىرى

    داۋۇت پالتا ،سىزگە بىر بىلەت كەتتى،
    سۆزىڭىز ئورۇنلۇق،،،،،

  • خىيالى دۇنيا6 كۈن ئىلگىرى

    تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈپ بەرمىسىمۇ ، كەچ بولغاندا ئۆزى ئۆتۈپ كېتىدۇ ، چىڭ ساراڭ خەق ىكەن بۇ.

  • دىلبەر دل6 كۈن ئىلگىرى

    دادا بۇلغۇچى بۇرىكىنى سىتىپ قىزىنڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئۇتكۇزۇپ بەرسەئەرزىمدۇ بۇ دادىغا كىيىن تۇرمۇش لازىم بۇلمامدۇ قىزىغا دادا لازىم بۇلمامدۇ

  • داۋۇت پالتا6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇ ئاداشنىڭ قىلغىنى پۇتۇنلەي خاتا! دادىلىق روھىغا ئاپىرىن ئۇقۇساممۇ بورەك سېتىپ تۇغۇلغان كۇن ئوتكۇزۇش بىرخىل بىمەنىلىك! دىگەن گەپلىرىگە قارىغاندا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقچىدەك قىلىدۇ! ئۇزىنىڭمۇ ئازراق بولسىمۇ مائاشى باركەن!

  • سېنىڭ راس6 كۈن ئىلگىرى

    دادېلار ياشسۇن ياشاپكەت

  • 187******336 كۈن ئىلگىرى

    سابا سېزساقمۇ ،قىزدوستى دىمەيدۇ،ئۆزپۇشتىدىن بولغان قىزى دەۋاتىدۇ،يەنى بالىسى

  • سابا6 كۈن ئىلگىرى

    ئامالىڭ توغرا ئەمەسكەن يىگىت قىز دوستىڭنىڭ تۇغۇلغان كۇنىدە بورىكىنى ساتسا چوڭىراق ئىشقا يۇلۇقساڭ جىنىڭنى ساتامسە بىر ئەر كىشى بولغاندىكىن ئىشلەپ تەر ئاققۇزۇپ ئاز بولسىمۇ ساز تۇغۇلغان كۇنىگە ئۇشكىرى دەيدىغان لايىقنى تاپمامسە بىلى بوش

  • ئالە شەرىڭنى6 كۈن ئىلگىرى

    قىزىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ، ھەرقانچە ۋەدەمدە تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىم دېسىمۇ بۇ قىلمىش ھەقىقەتەن خاتا، بۇ ئىشنى قىزى بىلىپ قالسا قانداق ئىنكاس قايتۇرا، يەنە خۇشال خورام ئوينىيالامۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، يا قارشى تۇرامۇ؟؟؟؟؟،،،،

  • 自由6 كۈن ئىلگىرى

    ئاتا ئانىدىن ئۇلۇغ ئادەم يوقتە،،،،تەسىرلەندىم،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号