باش بەت

ئىدىقۇت887

6844يوللانما
11مەستانە

ماشىنا ئىسكىلاتىغا كىرىۋالغان تىمساھ كىشىلەرنى قورقۇتۇۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 16:03 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

InsideEdition تور بېكىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.43 مېتىر كېلىدىغان كالتە كالپۇكلۇق تىمساھنى بايقىغان بولۇپ، مەزكۇر ئولتۇراق رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن.

فىلورىدا شىتاتلىق بېلىق تۈرىدىكى جانلىقلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى قۇتراپ يۈرگەن بۇ تىمساھنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ماشىنا ئىسكىلاتىدىن ئېلىپ كەتكەن. خىزمەتچى خادىملار نەق مەيدانغا كېلىپ بۇ تىمساھنى تۇتماقچى بولغاندا، تىمساھ خۇددى ھازىرلا ئادەم يەيدىغاندەك قىلىپ ئاغزىنى يوغان ئاچقان ھالدا ئۇياق-بۇياققا تولغىنىشقا باشلىغان.

خىزمەتچى خادىملار تىمساھنىڭ بېشىغا مىڭبىر جاپادا تور كىرگۈزۈۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىمساھ توختىماي قۇتراپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان. خىزمەتچى خادىملار تىمساھ بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا تىمساھنىڭ ئاغزىنى تېڭىۋالغان ھەم بۇ تىمساھنى تۇتۇپ ماشىنا ئىسكىلاتىدىن ئېلىپ كەتكەن.

فىلورىدا شىتاتلىق بېلىق تۈرىدىكى جانلىقلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتكۈل فىلورىدا شىتاتىدا تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن تىمساھ ياشايدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号