باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12313يوللانما
1193مەستانە

ئەنگلىيەلىك قىز يىگىتىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن راسا سەمىردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 16:20 11 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«قۇياش گېزىتى»نىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى بىر قىز ئوغۇل دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن 2 يىلدا 200 كىلوگىرام سەمىرىگەن. ھازىر بويتاقلىققا قايتقان ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا يەنە ئورۇقلىغان.

ئەنگلىيەلىك كىرستې موئۇنسېينىڭ 18 يېشىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 223 كىلوگىرام بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك سىرتقا چىقمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا سابىق ئوغۇل دوستى ئالېكس ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەمگە ئايلانغۇسى بارلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىلەن سىرتتىن تاماق چاقىرىتىش دۇنياسىدا ياشىغان. ئۇ: «مەن ھەركۈنى 10 مىڭ كالورىيە ئىسسقلىق قوبۇل قىلىمەن، ناشتىغا بىر قاپ بەرەڭگە قەلەمچىسى ھەمدە پىرەنىك يېگەندىن كېيىن، چۈشلۈك تاماقتا بىر پۈتۈن توخۇنى يەۋېتىمەن، كەچلىك تاماقتا بولسا ماكدونالد يەيمەن. مەن يەنە 4 كىشىلىك قوش قەۋەتلىك ھامبۇرگ بولكىسى، ئىككى قاپ بەرەڭگە، ئىككى كىشىلىك بۆلجۈرگەن سۈتى ۋە سانسىزلىغان تاتلىق-تۈرۈم يەيمەن».

سابىق ئوغۇل دوستىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، كىرىستې ھەتتا گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئۇ: «ئالېكىس مەندىن پەخىرىلىنىدۇ، مەنمۇ بەدەن شەكلىمدىن پەخىرلەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالىمەن. مېنىڭچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن شەكلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار چوقۇم خۇشال بولۇشى كېرەك. بىراق مەن بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتىم، بۇ ماڭا بەك چوڭ ئەلەم ۋە زەربە بولدى، ئىشەنچىمنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم، كىشىلەر مېنى ھەم كۆرۈمسىز ھەم سېمىز دېيشىتى. يەنە بىرەيلەن مېنى ئۆلۈۋالغىن دېدى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق».

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىرىستېنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ ناچارلىشىشقا باشلىدى. ئۇ يۇقىرى قان بېسىم بولۇپ، ئۆزى كىيىم كىيەلمەيدىغان ھەمدە باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ماشىنىدىن چۈشەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ھەتتا 10 ياشلىق سىڭلىسى بىلەنمۇ ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى كېرەكسىز ئادەم دەپ قاراپ ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولدى. شاففىيېلد دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر كىرستېنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدا بەك چوڭ خەتەر بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىنمۇ ئايرىلىپ قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېيتتى.

2014-يىلى كىرستېنىڭ بوۋا-مومىسى بىلەن چوڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئاشقازاننى كىچىكلىتىش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن 8000 فوندستېرلىڭ ياردەم قىلدى. ئەڭ دەسلەپكى 6 ئايدا ئۇ 51 كىلوگىرام ئورۇقلاپ، بارا-بارا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزدى، بىراق كىرستې ئورۇقلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئالكېس بىلەن بۇلتۇر فېۋرالدا ئايرىلىپ كەتتى.

كىرىستې: «ئالېكس مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن ئورۇقلاپ ھەقىقىي ئۆزۈمنى تاپقىنىمدا، بىز ئوخشىمغان ئادەمگە ئايلاندۇق. مېنىڭچە، ئۇ مېنى تېخىمۇ سېمىزرەك بولسىكەن دەيدۇ، بىراق مېنىڭ ئۇنداق بولغۇم يوق. بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ ئېشىشىنى ئۇنىڭدىن كۆرمەيمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى بىلىمەن».

ھازىر كىرىستېنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 80 كىلوگىرام كېلىدىغان بولۇپ، 16-نومۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ 36-نومۇرلۇق كىيىم كىيەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى بويتاق ئۇ خېلى كۆپ يىگىتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئىلگىرىكى ۋاقتىدىن ساۋاق ئېلىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدى. ئۇ: «مەن ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتقان سېمىز قىزلار بىلەن پاراڭلىشىمەن، ئۇلار يېتەكلىنىشكە ۋە ياردەمگە موھتاج» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • پەرزانە1 ئاي ئىلگىرى

    ئەتكەن چاي ،قار چاي ئىچمەي،مايلىق تاماق يىمىسىڭىز ماڭا .ئوخىشاش2ئاي ئىچىدە 10كىلو ئورۇقلايسىز

  • غەلىت3 ئاي ئىلگىرى

    گۈلجامال ھەقىقى ئورۇقلىغىڭىز بولسا كۈنلىكى بىر يىرىم سائەت ئەتراپىدا مىڭىپ ھەركەت قىلىڭ ئولتۇرۋىلىشقا بولمايدۇ يىگىرىمە مىنۇتتا بىر قىتىم ئون مىنۇت ئەتراپىدا يۈگىرەڭ ھەر كۈنلىكى مەشىقتە چوقۇم چىكىڭىزدىن تەر ئىقىشى كىرەك ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرسىڭىز بىر ئايدىلا ئۈنىمىنى كۆرىسىز مىنىڭچە ئاز دىگەندە بەش كىلو ئورۇقلايسىز ئەمما ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا داۋاملاشتۇرشىڭىز كىرەك مەيلى كەچ مەيلى ئەتەەن مەيلى چۈشتىن كىيىن

  • يولتۇز3 ئاي ئىلگىرى

    مۇبارەك نۇرداش ،مەن لىموننى نىپىزتوغراپ قېتىق قۇتىسىغا بىرقۇر سېلىپ ئۈستىدىن ھەسەلنى قۇيۇپ ،يەنە بىرقەۋەت لىمۇن سېلىپ يەنە بىر قەۋەت ھەسەل قۇيۇپ مۇشۇ ئۇسۇلدا ،قېتىق قۇتىسىنى توشقۇزۇپ ،(4/5 تالدەك لىمون 500g ھەسەل كىتىدىكەن) تۇڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىشبۈلىمىگە سېلىپ بىركىچە توڭلىتىپ ،ئاندىن سوغاق ساقلاش بۈلىمىدە ساقلىدىم ،ئەينەك چەينەككە بىر پارچە سېلىپ (لىمون) ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ مۇزلىغاندا ئىچىپ بەدىم دەسلەپتە لىموننىڭ قىرتاق تەمىگە كۈنەلمەي ناۋات ياكى ھەسەل قوشۇپ ئىچكەنتىم كېيىنچە كۈنۈپمۇ قالدىم ،سىناپ بېقىڭ بازانىڭ قۇتىلىق ئىچىملىكلىرىنى قەتئىي ئىچمەيدىغان بۇقالىدىكەنسىز ،كۈندە ئۇسسۇزلۇققا مۇشۇنداق قىلىپ ئىچىۋاتىمەن

  • مۇبارەك3 ئاي ئىلگىرى

    يۇلتۇز تورداش لىمۇنى قانداق قىلىپ چاي دەملەپ ئىچتىڭىز،قايسى ۋاقىتلاردا ئىچتىڭىز،تەپسىلى دەپ بىرىڭە

  • 8093 ئاي ئىلگىرى

    قانداق ياخشى ئۇسۇللار باردۇ نۇرداشلار پىكىرلەشسەك بوپتىكەن تىزرەك ئورۇقلىتىدىغان

  • يولتۇز3 ئاي ئىلگىرى

    2/3 ئايدەك بولدى لىمون بىلەن چاي دەملەپ ئىچىۋاتىمەن كۆرىنەرلىك ئورۇقلىدىم ،بۇلتۇر مۇشۇ پەسىلدە كىيگەن كىيىملەر كەڭ كىۋاتىدۇ،دوسلۇرۇم تىرەڭ سۈزۈك بۇقاپتۇ نىمە ماركىلىق يۈزماي ئىشلەتتىڭ دەيدۇ ،ئورۇقلاش خىيالى بارلار لىمون نى چايقىلىپ ئىچىپ بېرىڭلا قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇپ تەبىئىي ھالدا ئاستا ئاستا ئورۇقلىغىلى بۇلىدىكەن

  • 180******703 ئاي ئىلگىرى

    گۇلىجامال قايناق دۇ ئىچىپ بىرىڭ

  • چىمەن3 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ سېمىرگۈم بار راس گەپ قىلسام…………،

  • ئەسلىمە3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ ئازراق ئورۇقلۇغۇم باتتى، بىراق مەن ئائىلە ئايالى، ئائىلىدە ئورۇقلىماق ھەقىقەتەن تەسكەن

  • 186******273 ئاي ئىلگىرى

    گۈلجامال مەن ياردەم قىلاي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号