باش بەت

ئابلەت سەمەت

1584يوللانما
8مەستانە

رونالدو كوماندىدىن ئايرىلسا خانلىق مادرىد نېيمار، مىباپپې ۋە خاررى كېننى قوشۇۋالماقچى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 16:24 1 ئىنكاس چۈشتى

باش خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى رونالدونىڭ خانلىق مادرىدقا كېلەر يىلى كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رونالدو توختام ئۇزارتىشتىن رازى بولىمىغان، ھەمدە كۇلۇبنىڭ ئۆز قىممىتىنى قىلمىغانلىقىدىن ئاچچىقلىنىپ، رەئىس فىلورېنتىنوغا كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى يەتكۈزگەن.

«ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە رونالدو كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى چىقارغان بولسىمۇ، بىراق رەئىس فىلورېنتىنونىڭ ئۇنى قويۇپ بەرگۈزسى يوق ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە، رونالدونىڭ خانلىق مادرىد تەييارلىغان يېڭى توختامدىن رازى بولمىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

«كۈندىلىك تېز خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رەئىس فىلورېنتىنونىڭ رونالدونى قويۇپ بەرگۈزسى يوق ئىكەن، بىراق ئۇ رونالدونىڭ قارارىدىن چېكىنىش يولى تەييارلاپ قويغان. فىلورېنتىنو BBC ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئىپادىسىدىن رازى بولمىغان، شۇڭا ئۇ نېيمار، مىباپپې ۋە خاررى كېننى قوشۇۋېلىپ يېڭى ھۇجۇم گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقماقچى ئىكەن.

نېيمار ئىزچىل رونالدونىڭ ئىزباسارى دەپ قارالماقتا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نېيمارنىڭ فىرانسىيەدە خۇشال ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىنغان. گەرچە نېيمار بۇ يىل يازدا 220 مىليون ياۋرو باھادا پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق خانلىق مادرىد پارىژ سانت گېرمان بىلەن كېلىشىپ، توپچى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا بۇ سودىنى پۈتتۈرمەكچى. ئەگەر رونالدو خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپ قالسىلا، خانلىق مادرىد پۈتۈن كۈچى بىلەن نېيمارنى قوشۇۋالىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نىيلمار مەستانىسى5 ئاي ئىلگىرى

    بەزىلەر بەك ئاقماس ئىنكاسلارنى يازىدكەن مەن قانچىلك دىمەي ئلمىراق ئىنكاس يىزڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号