باش بەت

دەۋران

510يوللانما
17مەستانە

ئاددىي لېكىن تۇرمۇشقا قولايلىق بولغان بىر تۈرلۈك كەشپىياتلار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 16:00 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

كىچىككىنە كەشپىيات تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرىدۇ، تۆۋەندە بىز بىر تۈرلۈك ئاددىي لېكىن تۇرمۇشقا قولايلىق بولغان كەشپىياتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:

رەسىمدە لېفىتنىڭ كۇنۇپكىسى لېفىت ئىشىكىدىن يىراقراق يەرگە جايلاشتۇرۇلغان، لېفىت كۇنۇپكىسىنى بالدۇرراق بېسىپ قويغاندا ئىشىكنىڭ يېنىغا بارغۇچە لېفىت ئىشىكى نەق ئېچىلىپ تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئازراق بولسىمۇ ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

رەسىمدىكىسى ئاشخانىدىكى كىچىك ئۈستەل تىزگىنىكى. تىزگىنەكنىڭ ئۈستىدە چاي بۇيرۇتۇش، ئۈستەلنى رەتلەش، ھېسابات قىلىش قاتارلىق كۇنۇپكىلار بولۇپ، مەقسىتىڭىزنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىقلا مۇلازىمغا يەتكۈزەلەيسىز. بۇنداق بولغاندا ئاشخانىلاردا ۋارقىراپ تۇرۇپ مۇلازىملارنى چاقىرىدىغان ئىش قالمايدۇ.

مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنىڭ يېنىغا لوپا ئەينەك ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ كەشپىياتنىڭ مەقسىتى شۇكى، بەزى بىر مەھسۇلاتلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا ياشانغانلار ۋە يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەر خەتلەرنى ئېنىق ئوقۇيالمايدۇ، مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنىڭ يېنىغا لوپا ئەينەك ئورۇنلاشتۇرسا بۇ ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

ئۇلانما روزېتكا. ئۆيىڭىزدە بۇ خىل رورېتكا بولسا قانچىلىك چاتقۇچ بولۇشتىن قەتىينەزەر ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سودا سارايلاردىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە ئىككى خىل كىيىم ئاسقۇچ تەييارلانغان بولۇپ، بىرسىنىڭ ئۈستىدە «چوقۇم سېتىۋالىمەن» يەنە بىرسىنىڭ ئۈستىدە «سېتىۋېلىشىم مۇمكىن» دېگەن خەت يېزىلغان.

سېتىۋېلىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇنداق بولغاندا سىز سېتىۋالغان نەرسىلىرىڭىزنىڭ باھاسىنى ئۇدۇللۇق بىلىپ تۇرسىڭىز، پۇل تۆلىگەن ۋاقىتتا پۇلىڭىز يېتىشمەي قېلىشتەك ئوڭايسىز ئەھۋاللاردىن قۇتۇلسىز.

سىيرىلما تاختا بىلەن بوۋاقلار ھارۋىسىنى بىرلەشتۈرۈش. بۇنداق بولغاندا بالا بېقىش تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ.

ئادەم ۋە ئىتلار ئورتاق قوللىنىدىغان سۇ ئىچىش تۇرۇبىسى. رەسىمدىكى سۇ ئىچىش تۇرۇبىسىنىڭ ئۈستىدىن ئادەملەر پايدىلىنىدۇ، ئاستىدىن ئەرمەك ئىتلار پايدىلىنىدۇ.

رەسىمدىكى كىچىك ئىستاكانغا كىچىك يېرىقچە چىقىرىش ئارقىلىق چاي خالتىسىنىڭ يىپىنى شۇ يەرگە ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا چاي خالتىسىنىڭ يىپى چايغا چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.

بۇ كەشپىيات بالىلارنىڭ قولى تۇربىغا يەتمەسلىكتەك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ لاھىيىلەنگەن.

كىچىككىنە ئۆزگەرتىش، بىر كەشپىياتنىڭ ئىككى خىل رولى، ھەقىقەتەن مۇكەممەل.

روزېتكا بىلەن ئۇزارتىلما سىم بىرلەشسە ھەقىقەتەن قالتىس بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئائىلە ئېلېكتىر سايمان سىملىرىنىڭ روزېتكاغا يەتمەسلىكتەك ئەھۋالىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

تەرەت تۇڭىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قول يۇيۇش ئورنى. بۇنداق قىلغاندا قول يۇغان سۇدا تەرەت چۈشۈرگىلى ۋە كۆپ مىقداردىكى سۇنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

بۇ ئاددىيغىنا كەشپىيات مەخسۇس خانىم قىزلىرىمىز ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ، چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ مېڭىشتەك قىيىن ئەھۋالغا خاتىمە بەرگەن.

ئېگىز پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىگە سىيرىلما ئورۇنلاشتۇرسا چۇقۇم ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • bodak6 كۈن ئىلگىرى

    ماڭا بەك ياققىنى تازلىق ئۇيىدىكى سۇ تىجىگىلى بولىدىغان ماتۇڭ……

  • باھار6 كۈن ئىلگىرى

    مەن بەك ياقتۇردۇم ، ھەممىسىنى……

  • باقى6 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قالتىس. كەشپىيات لار ئىكەن.

  • تىكەن قۇش 6 كۈن ئىلگىرى

    ھەجەپ ياخشى كەشپىياتلاركەن بۇ ،بولۇپمۇ ئىگىز پاشنىلىق ئاياق ،تەراتداننىڭ ئۇستىدىكى قول يۇيغۇچ سىرىلما تاختاي بوۋاقلار ھاۋىسى بۇلارنى كەشىپ قىلغانلار ھەقىقەتەن ئەقىللىقكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号