باش بەت

ئىدىقۇت887

6844يوللانما
11مەستانە

41 يىلدا 120 تۈرمىدە يېتىپ چىققان «ئەڭ زوراۋان مەھبۇس» نىڭ تۈرمىدە تويى بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 16:30 7 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ زوراۋان مەھبۇس چارلېس بىرونسون (les Bronson) بىلەن پائۇلا ۋىللىيامسون (Paula Williamson) ئىسىملىك ئارتىس قىز دوستى شۇ يەر ۋاقتى 14-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئەنگلىيەدىكى ۋەكفىيلد (Wakefield) تۈرمىسىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، توي مۇراسىمىدىن كېيىن، كېلىنچەك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمانسارايغا قايتىپ بېرىپ تويغا قاتناشقان ئۇرۇغ-تۇغقان، دوستلىرىنى كۈتۈۋالغان، چارلېس بىرونسون داۋاملىق تۈرمىدە جازا ئۆتەش ئۈچۈن قېپقالغان. يۇقارقى سۈرەتتە، كېلىنچەك پائۇلا ۋىللىيامسون ئۈستىگە توي كۆينىكى كىيىپ، بېشىغا ئەدىيال ئارتىپ مەخپىي ھالدا تۈرمىگە كىرىپ كېتىۋاتماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چارلېس بىرونسون تۈرمىدىكى توي مۇراسىمىدا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا كېلىنچەك پائۇلا ۋىللىيامسونغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېگەن: «سىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كېلىنچەك». خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، تويدىن كېيىن كېلىنچەك پائۇلا ۋىللىيامسون ئۆزى يالغۇز شېرىن ئاي ئۆتكۈزگىلى بارىدىكەن، چارلېس بىرونسون بولسا يەنە داۋاملىق تۈرمىدە جازا ئۆتەيدىكەن.

چارلېس بىرونسون يەنە ياشلاغا بىر پارچە خەت يېزىپ، كەڭ ياشلارنى ئۆزىگە ئوخشاش جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان، ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەن: «مەن جىنايەت يولىغا كىرىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياشلاغا زادى نېمە دېيىشىم كېرەك؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، يەنە چوقۇم جىنايەت يولىدىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار! جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئويۇڭلاردىن ۋاز كېچىڭلار. چۈنكى جىنايەت سىلەرنى تۈرمىگە باشلايدۇ، بۇ قائىدىنى دېمىسەممۇ ناھايىتى ئاددىي. ئىشەنمىسەڭلار ماڭا قاراپ بېقىڭلار، مېنىڭ 40 يىللىق ئۆمرۈم تۈرمىدە نابۇت بولۇپ كەتتى، بىز مۇشۇنداق قىلىپ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟». يۇقارقى سۈرەتتىكىسى ئەنگىلىيە بويىچە  ئەڭ زوراۋان مەھبۇس چارلېس بىرونسون.

چارلېس بىرونسون بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مىچېل گوردون پىتىرسون (Michael Gordon Peterson)، كېيىن ئىسمىنى چارلېس سالۋادور (les Salvador) غا ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ تۈرمىگە قامالغىنىغا 41 يىل بولغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 120 تۈرمىدە يېتىپ باققان، ئۇ ئىلگىرى 10 داڭلىق شەخسنى تۇتقۇن قىلىۋالغان، 20 نەچچە تۈرمە ساقچىسىنى ئۇرۇپ دۇمبالىغان، ئۇ 500 نەچچە مىڭ فوندستېرلىڭلىق ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ زوراۋان مەھبۇس دەپ ئاتالغان. چارلېس بىرونسوننىڭ ئايالى پائۇلا ۋىللىيامسون بۇ يىل 37 ياشتا بولۇپ، كەسپىي ئارتىس، ئۇ 2013-يىلى تۈرمىدىكى بىرونسونغا خەت يېزىپ ئۆز ئارا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقان.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەردە، كېلىنچەك پائۇلا ۋىللىيامسون ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن بەش دوستىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىرونسون جىنايى جازا ئۆتەۋاتقان تۈرمىگە كەلگەن ھەم 2 سائەتتىن ئۇزاقراق تۇغقان يوقلاش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىرونسون بىلەن تۈرمىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا «زوراۋان مەھبۇس» چارلېس بىرونسوننىڭ رولىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان تىموسىي كىروۋلىي (Timothy Crowley) ئىسىملىك ئەر ئارتىس شۇ كۈنى كېلىنچەك پائۇلا ۋىللىيامسونغا ھەمراھ بولۇپ تۈرمىگە كەلگەن.

توي ماشىنىسى

چارلېس قامالغان تۈرمە

كېلىنچەك پائۇلا ۋىللىيامسون

مەھبۇس «يىگىت» چارلېس بىرونسون

چارلېس بىرونسون ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ قاتىللىق قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ زوراۋان مەھبۇس دەپ ئاتالغانىدى، ئۇ ئۆپكىسىنى باسالماي جىنايەت ئۆتكۈزۈش، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىپ يارىلاندۇرۇش، باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىۋېلىش شۇنداقلا ھەمىشە تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن سوقۇشۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان. تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرى چارلېسنىڭ توختىماي ئۇرۇشۇشتەك قىلمىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى A دەرىجىلىك جىنايەتچى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى شۇنداقلا ئاممىغا قارىتا ئېغىر خەۋپلىك جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ.

1974-يىلى، 22 ياشلىق چارلېس 26 فوندستېرلىڭ پۇل ئوغرىلاپ تۈرمىگە قامالغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تۈرمىدە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پەقەت 4 ئاي 9 كۈنلا تۈرمىنىڭ سىرتىدا ياشىغان. 1987-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ 69 كۈندىن كېيىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن يەنە قايتا تۈرمىگە تاشلانغان. 1992-يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىپ 53 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىپ يەنە قايتا تۈرمىگە سولانغان. ئۇ تۈرمىدىكى مەزگىلىدە باشقىلارنى ئۇرۇپ-دۇمبالايدىغان ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمىغان، ئۇ باشقىلارنىڭ تۈكۈرۈكى يۈزىگە چاچراپ كەتسىلا ئاچچىقلىنىپ ئادەم ئۇرۇپ ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ تۈرمىدىكى مەزگىلىدە تۈرمە ساقچىلىرىنى ئۇرغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم كامېرغا سولىنىپ جازا مۇددىتى توختىماي ئۇزارتىلغان.

چارلېس بىرونسون رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يازغان شېئىرى ۋە رەسىم ئەسەرلىرى 11 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، چارلېسنىڭ رەسىم ئەسەرلىرى دائىم تۈرمە سىرتىدا يۇقىرى باھادا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئاغرىقچان بالىلارنى داۋالاش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان فوندى جەمئىيىتىگە 250 مىڭ فوندستېرلىڭ پۇل ئىئانە قىلغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاستون مارتىن5 كۈن ئىلگىرى

    تالانىت ئىگىسى قول قويدۇم

  • ئۆمەرجان09976 كۈن ئىلگىرى

    ئەمما ماۋۇ مەھبۇسنىڭ بۇرۇتىغىلا قاراپ قاپتىمەن دەھشەتكەن ھى ھى ھى ھى

  • توغراق،شاھى6 كۈن ئىلگىرى

    كۆڭلى ياخشىكەن بولمىسا ئەمدى قېرىپتو ئوروشقوچىلىگىمو قالماپتو ئونىڭ ئۇستىگە تۇرمىدە يېتىپ توروپ خوتونمو ئاپتو كەڭچىلىكمو بوپتو ئاخىرقى ئۆمرىنى ئايالى بىلەن تېنىچ ئۆتكۇزۇشكە،شاراىت،يارتىپ بىرىلسە.

  • يارىش6 كۈن ئىلگىرى

    سەپرا ئادەم بولغىنى بىلەن لىكىن يەنە ئۆز تالانتى بىلەن تۈرمىدە بولسىمۇ خىلى خىلى ئادەملەر قىلالمايدىغان ياخشى ئىشلارنى قىپتۇ دىمىگەن بىلەن……

  • گۈلجامال6 كۈن ئىلگىرى

    تالانتلىق كەن بۇلمىسا

  • جاھانگىر6 كۈن ئىلگىرى

    ما ئوغرىنىڭ مىجەزى بولىدىكەن ھۇ ھا ھا قاراپ قويسىمۇ ئۇرغان گەپ قىلسىمۇ ئۇرغان گەپ قىلمىسا پاراڭلاشمىدىڭ دەپ تىخى ئۇرغان ھى ھى ، نەبىيجان ئىراغا ئوخشاش، چىرايىمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىكەن ھا ھا،،،

  • بارسلونا6 كۈن ئىلگىرى

    كورگىنىڭدىن كوپتۇر كورمىگنىڭ كورمىگەننى كورىسەن ئولمىگىنىڭ دىگەن شۇ كەندە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号