باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

بىر قىسىم ئاسترونوملار مارستىكى ئۈچ بۇرجەك نەرسىنىڭ تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئۇچار كېمىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكتە

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-16 10:39 6 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 16-نويابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى مارس قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىنغان، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتقان پىلانېتانىڭ بىرسى بولۇپ قالغان، ھەرقايسى ئالەم بوشلۇقى ئاپپاراتلىرى بۇ پىلانېتقا ئارقا-ئارقىدىن ئۆلچىگۈچ، ئىز قوغلىغۇچ ۋە تەكشۈرگۈچ ئەۋەتكەن. بىراق ھازىرغىچە، ئىنسانلار بۇ پىلانېتنىڭ يۈزىدىن ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ياكى بۇ يەردە تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات تاپالمىدى، ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ بىر قىسىم ئالىملار بۇ پىلانېتتا تېخى بىز بايقىمىغان نەرسىلەر بار دەپ قارىماقتا. 

ئەڭ يېڭى مىسال شۇكى، يېقىندا ئىشتىن سىرتقى ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى مارس يۈزىدە چوڭ بىر ئۈچ بۇرجەك جىسىم بايقىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ نەرسىلەر تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ مېتېئورىت ئازگىلىغا يوشۇرۇپ قويغان ئۇچار كېمىسى، ياكى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئۇچقۇسىكەن. بۇلار شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدىكەنكى، چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بۇ نەرسىلەر تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ باققانلىقىنى، ھەتتا بۇ يەردە بىر مەزگىل ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. 

چەتئەلدىكى مەلۇم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئالدى بىلەن بۇ قاراشنى قوللىغان. ئۇلار ئېلان قىلغان فىلىمغا قارىغاندا، مارستىكى بىر مېتېئورىت ئازگىلىدا غۇۋا ئۈچ بۇرجەك جىسىم باركەن، قارىماققا قۇمغا كۆمۈپ قويغاندەك كۆرۈنىدىكەن، بۇ قۇملار نەچچە مىليون يىلدا، ھەتتا نەچچە مىليارد يىلدا يىغىلغان بولۇشى مۇمكىن. 

ئۈچ بۇرجەك جىسىم نامەلۇم ئۇچار جىسىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئىزچىل زور ۋەقە بولۇپ كەلگەن، چۈنكى كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇ خىلدىكى ئۇچار كېمىنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئىشلىتىپ باققانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىراق بۇ نەزەرىيە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان، چۈنكى ئاتالمىش ئۇچار كېمە كىچىك تاغ چوققىسى ۋە تاغ جىنسلىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ شەكلىمۇ ئۈچ بۇلۇڭغا ئوخشاپ قالىدىكەن، خالاس. 

ئەگەردە سىز بىر تالاي ۋاقتىڭىزنى ۋە پۇلىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ مارستىن شەكلى تېخىمۇ غەلىتە نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ تاشقى پىلانېتتىكى ئۇچار كېمە، تاشقى پىلانېت ئادەملىرى سالغان قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولسىڭىز، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملار پەرەزلىرىڭىزنى بىردەمدىلا ئاغدۇرۇپ تاشلىشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • دەقېيانۇس5 ئاي ئىلگىرى

    قۇرۇق پەرەز بۇ ئېنق ئەمەس

  • كۋادرات5 ئاي ئىلگىرى

    ھەرقانداق بىر ئىجادىيەت،بايقاشلار گۇمانىي كۆزقاراشتىن كەلگەن.بەلكىم شۇ ياكى ئەمەس بولسۇن ئىزدىنىش ياخشى ئىش.شەخسەن مەن تاشقىي پلانت مەدەنىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن.بەلكىم ئۇلار ئاڭلىقتۇر ياكى ئاڭسىزدۇر،ئىشقىلىپ ئالەم چەكسىز شۇنداقلار نۇرغۇن سىرلار بار

  • ئ‍ەزھەر5 ئاي ئىلگىرى

    قىززىق گەپ قىلىدىغان ئ‍اداشلىكەن بۇ مارىستا ھاياتلىق با دىمەكچىمۇ بۇ يەدە ئ‍ۇندا بوسا تاشقى پىلانىت ئ‍ادەملىرىنىڭ باشقا قۇرۇلۇش مەسىلەن باشقا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئ‍ىزنالىرىچۇ ؟ ئ‍ىنىق ئ‍ىسپات تېپىپ ئ‍اندىن گەپ قىسىچۇ

  • سەبىي5 ئاي ئىلگىرى

    تاشقى پېلانت، ۋاقىت تونىلى، قارا ئۆڭكۈرگە ئالاقىدار كىنو فىلىملەر بولسا تەۋسىيە قىلىڭلارچۇ. باشقا خىلدىكى فانتازىيلىك فىلىملەر بولسىمۇ بولىدۇ.

  • چارۋىچى5 ئاي ئىلگىرى

    ئۇچقۇ دىگەننىڭ ئىككى تەرىپى سىممىتىرىك بۇلا ،بومىسا تەكشىلىكىنى ساقلىيالمايدۇ،دىمەك ئەمەس

  • سابا5 ئاي ئىلگىرى

    ماندا بى كۆز بىلەن ئىنىق كۆرۇپ ئىسپاتنى جاڭڭىدە قۇيۇپ گەپ قىلسا بولمامدىغاندۇ پەرەز قىلىپ گۇمانى نەزەرنى ئوتتۇرغا قۇيغۇچە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号