باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

قىزچاقنىڭ كۆز يېشىغا چىدىمىغان «ئىنساپلىق ئوغرى» ئەرمەك ئىتنى قايتۇرۇپ بەردى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-16 12:18 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاۋسترالىيە مېلبۇرندىكى مەلۇم بىر ئۆيگە ئوغرى كىرىپ، ئۆيدىكى كومپيۇتېر، iPad، ئۈنچە-مەرۋايىتلارنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاندى. ھەتتا 8 ھەپتىلىك بولغان لابرادور ئەرمەك ئىتى ساشامۇ غايىپ بولغانىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلانغان 4 ياشلىق كىچىك غوجايىن مايانىڭ كۆزىدىن ياش قۇرمىدى.

مېلبۇرندا تۇرۇشلۇق رىيان خۇد 6-نويابىر ئۆيىگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، قىممەتلىك بۇيۇملىرىدىن سىرت يەنە ئەرمەك ئىتنىڭمۇ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلدى. خۇد تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىنتايىن ئېغىر زىيان تارتقانلىقىنى قىزىنىڭمۇ «ئەڭ ياخشى دوستى»دىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، بىلدۈردى. ئۇ يەنە: «ئەرمەك ئىتتىن باشقا، ھېچقانداق نەرسىنى ئالمايمىز، بىز پەقەتلا ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

بۇ خەۋەر ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىلىرىدا بەس-بەستە تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئويلىمىغان يەردىن 9-يانۋار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئورنىدىن تۇرغاندا، ساشانىڭ گۈللۈكىدە ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. ئەسلىدە ئوغرى بۇنى قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. خۇد: «مەيلى كىم ساشانى ئوغرىلاپ كەتكەن بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ ۋىجدانى ئويغانمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن قورققان گەپ، شۇڭا، ئۇنى قورشاۋ تامنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويۇپتۇ»، دېدى.

شۇ جايدىكى ساقچىلار مايا بىلەن ئەرمەك ئىتنىڭ قايتىدىن جەم بولغاندىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن تېلېۋىزوردا قاپىقىنى ئاچمىغان مايا دەقىقە ئىچىدە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ئاغزى قۇلقىغا يەتكەنىدى. مايا ئىنتايىن خۇشال ھالدا ساشانى قۇچاقلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوينىغاندىكى كۆرۈنۈشى تولىمۇ يېقىملىق ئىدى. ساقچىلار گەرچە ئەرمەك ئىت قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق باشقا ئوغرىلانغان بۇيۇملار قايتىپ كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوغرىلىق دېلوسى داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ، دېدى. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۈمۈتـۋار5 ئاي ئىلگىرى

    ئىتنىمۇ ئوغۇرلامدۇ ئەمدى [

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号