تېڭشۈن تورى 17-نويابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئالما يانفونىنىڭ ھە دېسىلا سىرى چۈشۈپ، جىجىلىپ كېتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، بولۇپمۇ يېقىندا ئېلان قىلىنغان iPhone X تېخىمۇ شۇنداق، ھەر ھالدا ئارقا قېپىنىڭ ماتېرىيالىنى مېتالدىن ئەينەككە ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، ئەھۋالدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. ئامراق يانفونىڭىزنى ئۈچ قات قاپقا سېلىۋالسىڭىزمۇ، ئەمما يەنىلا ئېھتىيات قىلماي بولمايدۇ، ھەر قانچە بولسىمۇ يانفونىڭىزنى ئۈچىنچى قەۋەتتىن تاشلىۋەتمەيسىز ھە قاچان. يېقىندا بىر چەتئەللىك ئاكاش كىچىك ۋاقتىدا ئوينايدىغان كاۋچۇك لايدىن iPhone Xكە قاپ ياساپ چىقتى، قېنى سىزگە يارامدىكىن قاراپ بېقىڭ؟
ئالدى بىلەن بىر دۆۋە كاۋچۇك لاينى تەييار قىلىسىز، ئاندىن iPhone Xنى ئۇنىڭ ئىچىگە سالىسىز، ئاخىرىدا لاينى يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرىسىز.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي مەشغۇلاتنى سىناپ باقىسىز، مەسىلەن توپ تاشلاش دېگەندەك، بۇنىمۇ 10 قېتىم قىلىشىڭىز كېرەك.
قاراڭ iPhone X كە ھېچنېمە بولمىدى. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.
مانا ئەمىسە، ئۆيىڭىز بار بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىقىڭ-دە، iPhone X توپىنى يەرگە تاشلاڭ.
iPhone X ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يەرگە چۈشمەكتە، يۈرىكىڭىزنى قانداق سوقۇۋاتقانلىقىنى ئۆزىڭىزگە ئايان.
ئىچىگە iPhone X سېلىنغان كاۋچۇك لاي يەرگە قاتتىق چۈشتى، بۇ كۆرۈنۈشنى ئاپپارات ئېنىق تارتىۋالدى.
بۇ سىننى ئاستىلىتىپ قويغاندىن كاۋچۇك لاينىڭمۇ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىڭىز ھە قاچان! ھىم، ئۇنداقتا iPhone Xنىڭىزنىڭ نەچچە قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن...
بىراق، ئىش سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بولمىغان ئىدى، iPhone X كە ھېچنېمە بولمىغانىدى، ئېكرانى ۋە ئارقا قېپى ساپساق ئىدى.
كاۋچۇك لېيىنىڭ قارشى تۇرۇشچانلىقى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قاپ ياساپ چىقىشنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەلى5 ئاي ئىلگىرى
ناھايىتى تايىنى يوق بىرنىمىلەرنى يوللاپ يۈرىدىكەن.
ئىھسانبىك5 ئاي ئىلگىرى
ما ئامال بولىدىكەن يۈزىگە تام قەغىزى چاپلاپ كاۋچۇك لايدا قاپ ياساپ ئىشلەتسە … شۇنداق ئىسىل ھەي مەنمۇ سىناپ باقسام بولغىدەك نىمدا پەيزى !
ئۇچقۇن5 ئاي ئىلگىرى
ما ئامال بولىدىكەن، 10مىڭ يۈەنگە تېلپۇن ئاغانلا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ لايدا قاپ ياسىۋاساڭلا بوغۇدەك جۇما
ئىسىم با دەپ تۇرايلى5 ئاي ئىلگىرى
مىنىڭ مىيزۇرام 3جى قەۋەتتىن چۈپ كەتكەن قۇغدىنىش قىپى يۇقتى يىشنىم بۇممىدىغۇ شۇڭا چىدامچانلىقتا مىيزۇغا يىتىدىغىنى يۇققۇ زادى
مىراخور5 ئاي ئىلگىرى
ياق ئايفۇن 7 نى سۇغا سالسىڭىز بۇزۇلمايدۇ مىنىڭمۇ 7 پىلۇس سۇغا چۈشۈپكىتىپ ھېچ نىمە بولمىدى زادى سۇ ئۈتمەيدىكەن
سامسۇڭ ھەۋاسكارى5 ئاي ئىلگىرى
قوتا ئايفۇن سۇغا 10مىنۇتمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ سامسۇڭ س7بىرە سائەت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ ئىشەنمىسىڭىز سىناو بىقىڭ
جەنۇپ يۇلتۇزى ⚽5 ئاي ئىلگىرى
ئۇنداق نەرسىنىڭ ئىچگە سەپ قۇيسا ئەلۋەتتە چېقىلمايدۇ قانداقلا تىلفۇن بولسا
135******145 ئاي ئىلگىرى
شۇنداق چوڭ قاپنى كۆتۈرۈپ يۈرەمدۇ كىشى
ھاشىمجان5 ئاي ئىلگىرى
iphpne7 سۇغا ساسا بۇزۇلامدۇ ياقمۇ