باش بەت

نىجات

308يوللانما
34مەستانە

زېرىكىپ كەتكەن بوۋاي-موماي كۆكتات سېتىش باھانىسىدە بازاردا خۇشاللىق تاپتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-17 23:45 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تور تەرجىمىسى:

11-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇخبىر شەنشى يۇڭجىن پۇجوۋ يېزىسىدىكى دېھقانلار بازىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، يول بويىدا ئالدىغا بىر نەچچە تۈپ تۇرۇپ ۋە بىر سېۋەت سامساق قويۇۋېلىپ سېتىۋاتقان بىر جۈپ ياشانغان ئەر-ئايالنى كۆردى. گەرچە ئۇلار ئالدىغا كۆكتاتلارنى قويۇۋالغان بولسىمۇ، باشقا يايمىچىلار بىلەن پەرقلىق ھالدا ھېچقانداق خېرىدار چاقىرماي، سودىسىغا ئانچە «كۆڭۈل بۆلمىگەندەك» ئولتۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا مۇخبىر ئىككى ياشانغان بوۋاي-موماينىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋال سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت بازارنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن كەلدۇق، ساتقىنىمىزچە ساتىمىز، ساتالمىساق قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىمىز». 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بوۋاي-موماي ئەر-خوتۇن بولۇپ، بوۋاينىڭ ئىسمى گۇ سەنشياۋ، بۇ يىل 89 ياش، موماي سۈي فامىلىلىك بولۇپ، بۇ يىل 84 ياش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيى بازارنىڭ يېنىدىكى يولدا بولۇپ، بۇ يەردىن بىر چاقىرىم يىراقلىقتا ئىكەن. بوۋاي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۈچ قىزىم، ئۈچ ئوغلۇم بار. ئۇلار يېشىمىزنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ بىزنى ئىش قىلغىلى قويمايدۇ. ئەمما ئەر-خوتۇن ئىككىمىز بىر ئۆمۈر دېھقانچىلىقتا ئۆتكەن. بىكار تۇرساقلا ئىچىمىز پۇشۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز ئۆينىڭ يېنىغا بىر كۆكتاتلىق ئاچتۇق، بۇ جايغا ئازراق تۇرۇپ يېسىۋېلەك ۋە سامساقلارنى تېرىدۇق. بىز بۇلارنى پەرۋىش قىلىپ ئانچە-مۇنچە بەدىنىمىزنى چېنىقتۇرىمىز. بۈگۈن بازار كۈنى بولغاچقا ئازراق كۆكتاتلارنى ئېلىپ كېلىپ سېتىپ باقماقچى بولدۇق. يېرىم كۈن ساقلىغان بولساقمۇ بىرەر تۈپ تۇرۇپمۇ سېتىپ باقمىدۇق». 

سۈرەتتە: بۇ ياشانغان ئەر-ئايال بازارغا ساتقىلى ئېلىپ كەلگەن تۇرۇپلار ۋە بىر سېۋەت سامساق.

مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، تۇرۇپ ئالتە تۈپ بولۇپ، سامساقمۇ پەقەت تۆت-بەش جىڭ كېلەتتى.

بۇ ياشانغان ئەر ئايال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بالىلىرىمىز بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. بىزگە خەجلەشكە پۇل بېرىدۇ. شۇڭا بىزدە پۇل كەم ئەمەس. ھازىر كەنتىمىزدىكى ياشلار سىرتقا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىقىپ كەتتى. ياشانغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆيدە نەۋرىسىگە قارايدۇ. بەزىدە بىزگە ھەتتا پاراڭلىشىدىغان ئادەممۇ يوق بولۇپ قالىدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ ئىشى ئالدىراش بولغاچقا، بىز ئۇلارنى كۈندە كەل دەپ تۇرۇۋالمايمىز».

گۇ بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېزىدا ھەپتىدە ئىككى قېتىم بازار بولىدىغان بولۇپ، ئادەممۇ كۆپ كېلىدىكەن. شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھى ئازراق كۆكتاتلارنى ئېلىپ، ساتالمىسىمۇ بازار كۆرۈپ كېتىدىكەن.

گۇ بوۋاي مۇنداق دېدى: «بىز بەزىدە پەقەت كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كېلىمىز، بەزىدە تونۇش بىلىشلەر ئۇچراپ قالسا بىرەر دەم پاراڭلىشىمىز، بۇ ئۆيدە بىكار زېرىكىپ ئولتۇرغاندىن ياخشى ئەمەسمۇ..».

سۈرەتتە: ياشانغان ئەر-ئايال ياندىكى يايمىچىلار بىلەن پاراڭلاشماقتا.

بۇ ۋاقىتتا بىر ئەر كېلىپ ئۇلاردىن سامساق سېتىۋالدى. موماي دەرھال قولىغا تارازىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا سامساق جىڭلاپ بەردى. گەرچە موماي 84 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، كۆزى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، تارازىنىمۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك ئۆلچىيەلەيتتى. 

بۈگۈن ئۇلار بىر نەچچە جىڭ سامساق سېتىپ، 15 يۈەن پۇل تاپتى. موماي قولىدىكى 3 يۈەننى تۇتۇپ مۇنداق دېدى: «بازاردا تونۇش كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، بىز باھا بېكىتمەيمىز. ئۇلار قانچە پۇل دېسە شۇنچە پۇلغا بېرىۋېرىمىز. مەقسەت پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق تېپىش». 

بازار تارقىغاندا بۇ ئىككى بوۋاي-موماينىڭ 66 ياشلىق چوڭ قىزى ئۇنى كۆرگىلى كەلدى ۋە ئۇلارنى ئۆيگە ئېلىپ كەتمەكچى بولدى.

ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئاتا-ئانامنىڭ مىجەزى بەك ياخشى، ئۇلار گەرچە 80 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ تېنى بەك ساغلام. مەن بەزىدە ئۇلاردىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى سىرتقا قالايمىقان چىققىلى قويمايمەن. ئەمما بەزىدە ئۇلارنىڭ بازاردا ئولتۇرۇپ باشقىلار بىلەن خۇشال پاراڭلاشقىنىنى كۆرسەم، ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كېتىمەن. ئۇلار ئادەتتە بازارغا بارسىمۇ ئانچە ھېرىپ كەتمەيدۇ. ئۆيگە قايتقاندا خاتىرجەم ياخشى ئۇخلايدۇ».

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئ‍وقيا5 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل سەمىمى كىشىلەرلا بولسا يۇرتىمىز نىڭ كەلگۈسى تخىمۇ گۈزەل بولغۇسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号