باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

ئوغرىنى ئۇرۇپ قويغان ئەر 3 يىلدىن يۇقىرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-19 16:30 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن كارل سىنكىلاير (Carl Sinclair) ئىسىملىك ئەر ئەنگلىيە دونكاستېر (Doncaster) دىن بولۇپ، كارل ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا بىر ئوغرىنىڭ ئۆز ئىشىكى ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىسىنى ئوغرىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق غەزەپلەنگەن كارل قولىدا بازغان كۆتۈرگەن ھالدا ئوغرىنىڭ يېنىغا ئېتىلىپ بارغان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار ناھايىتى تېزلا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كارلنىڭ باتۇرلۇقىنى ماختاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئۇنى قولغا ئالغان.

كارل ساقچىلار تەرىپىدىن باشقىلارنى يارىلاندۇرغان دەپ ئەيىبلەنگەن ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك تۆمۈر يول بىخەتەرلىك لىدىرى خىزمىتىدىنمۇ قۇرۇق قالغان. كارل مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا ئايالىم ۋە ئۈچ بالامنىڭ ھەممىسى ئۆيدە بار ئىدى، مەن ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، مەن پەقەت بىر دادا ۋە بىر ئەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ ئۆز ئائىلەمنى قوغدىدىم خالاس، ئۆتكەن 11 ئاي ماڭا نىسبەتەن قاباھەتلىك چۈش بولدى، ئەگەر مەن تۈرمىگە تاشلىنىپ كەتسەم، ئۆيۈمدىكىلەر ئۆي سېتىۋالغاندا ئالغان قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ-دە، بىز ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز».

كارل ئەينى چاغدا قولىدىكى بازغان بىلەن ئوغرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا پەقەت ئوغرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى يارىلاندۇرۇپ قويماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەينى چاغدا زوراۋان ئوغرىنىڭ ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، نەتىجىدە مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالدى، مەن ئەينى چاغدا ئوغرىنىڭ يېنىدا پىچاق بار بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدىم».

كارل بەلكىم 3 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، لېكىن ماشىنا ئوغرىسى ماشىنا ئوغرىلاشتىن ئاۋۋال كارلنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن پەقەت 8 ھەپتىلىكلا تۈرمىگە تاشلانغان. كارل ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا پەقەت ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغداش ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئادالەتسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەكلىماكان 22 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوغرىلارغا ئېتىبار پائالىيەت!
    ھۆرمەتلىك قەھرىمان ئوغرىلار:
    بىرىنچى نۆۋەتتە كىرگەنلەرگە بىر دانە ئالما ماركىلىق تېلېفون سوۋغا قىلىنىدۇ دوقۇرۇشۇپ قېلىپ ، ئاۋارە بولماسلىقىڭىزنى ئىزدەپ، كېچىدە ئەمەس كۈندۈزدە ،بىز بار چاغدا ئەمەس ، بىز يوق چاغدا كىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
    ئەگەر ئىشىك تاقاق بولسا، ئاچقۇچ ئىشىك ئالدىدىكى تاشنىڭ ئاستىدا. ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

    ھۆرمەت بىلەن: غوجىدارلىرى ساخاۋەتچى جىگوڭ

  • bahadir 84002 ئاي ئىلگىرى

    غەلىتە ،ئشقۇ،،بۇ،،،،مەنمۇ،قايىل،بۇلمىدىم،،ئشقىلىپ،،،نەس،،بىسىپتۇ،،ئۆي،ئىگىسنى

  • ياماموتو2 ئاي ئىلگىرى

    كەسە ئاسا ئوغرى غوجام ئۆزلىرنىڭكىدەكلام ماقا قايتاملا ئوزلىرگە ئامانەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号