باش بەت

ئادىلجان

8601يوللانما
123مەستانە

خۇاۋېي يانفونى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئەڭ بازارلىق يانفونغا ئايلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-20 19:44 2 ئىنكاس چۈشتى

mydrivers تورىنىڭ 20-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قىسمەن بازاردا جۇڭگو ماركىسىدىكى يانفونلارنىڭ ئىپادىسى سامسۇڭ ۋە ئالمىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سەركىدىن ئېشىپ كەتتى. 

AppBrainنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خۇاۋېي 2015-يىلى ئېلان قىلغان P8 Lite يانفونى ۋە P8نىڭ پولشا، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، سىلوۋاكىيەدىكى ئىشلىتىش نىسبىتى 1-بولغان. 

چېخ، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن، بۇنىڭدىن قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇاۋېي يانفونى فىنلاندىيەدە %30لىك ئۈلۈشنى، ئىتالىيەدە %18.9لىك ئۈلۈشنى، چېخ، ۋېنگىرىيە، سىلوۋاكىيە قاتارلىق جايلاردا %17.2لىك ئۈلۈشنى ئىگىلىگەن. 

ئەمما دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ياۋروپالىقلار نۆۋەتتە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يانفون ماركىسى يەنىلا سامسۇڭ ئىكەن، ئەمما P10/Mate 10نىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، كېلەر يىللىق ۋەزىيەتتە يېڭىچە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەلبىم4 ئاي ئىلگىرى

    بولسا خواۋي تىلفۇن غا مەنمۇ بەبببببببببببەك ئامراق شۇ سەل قىمەتكەن شۇ قانداق دەيسلەر قاغانلار

  • خۇاۋىي ھەۋەسكارى5 ئاي ئىلگىرى

    غەيرەت قىل خۇاۋىي خەلقئارادا ئالدىنقى ئۇرۇنغا ئۈتىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن سەن قىلىمەن دىگەن ئىشنى قىلالايسەن،جۇڭگۇلۇقلار قىلىمەن دىگەن ئىشنى چۇقۇم قىلالايدۇ،ياشاپ كەت خۇاۋىي ئىچىمگە ئوت سالغان mate10

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号