باش بەت

ئابدۇرەھىم

616يوللانما
75مەستانە

فوربېس: خۇاۋېي جۇڭگودىكى پايدا ئېلىۋاتقان بىردىنبىر يانفون شىركىتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-21 20:00 22 ئىنكاس چۈشتى

سۇمۇرغ تورى تېخنىكا قانىلى 21-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

دۇنيادا يانفون ماركىلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ، ئەمما يانفون بازىرىدىكى پايدىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئالما ۋە سامسۇڭ ئىگىلىۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە iPhone ئۆزى يالغۇزلا دۇنيا يانفون بازىرىدىكى ئومۇمىي پايدىنىڭ %90ىدىن كۆپىنى يالغۇزلا چۆنتىكىگە سالىدۇ، بازار ئەڭ كاسات چاغلاردىمۇ iPhone پايدىسىنىڭ دۇنيا يانفون بازىرى پايدىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن چۈشۈپ باقمىغان.

ئۇنداق بولسا ئالما ۋە سامسۇڭدىن باشقا يانفون شىركەتلىرىگە قانچىلىك پايدا قالىدۇ؟ ياكى باشقىچە ئېيتساق، بۇ ئىككىسىدىن باشقا شىركەتلەر پايدا ئالالامدۇ؟

نوپۇزلۇق ئىقتىساد تاراتقۇسى «فوربېس»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما ۋە سامسۇڭدىن باشقا دۇنيادا «پايدىغا مېڭىۋاتقان» يانفون شىركىتى پەقەتلا خۇاۋېي ئىكەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، OPPO ۋە vivo يانفونلىرى تېخى مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلمىغانلىقتىن، «فوربېس» ئۇلارنى ھېسابلىمىغان، ئەمما بۇ تاراتقۇ تەخمىنەن ھالدا بۇ ئىككى شىركەتنى «كىرىمى چىقىمىنى ئاران قاپلايدۇ» دەپ قارىغان.

فوربېسنىڭ دېيىشىچە iPhoneنىڭ دۇنيا يانفون بازىرىدىكى زومىگەرلىك ئورنى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە ئىكەن ۋە بۇ ۋەزىيەت يەنە داۋاملىشىدىكەن.

سامسۇڭغا كەلسەك، ئۇنىڭ پايدىسى گەرچە ئالمىدىن بەكلا ئاز بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ پايدىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا دۇنيا يانفون بازىرى ئومۇمىي پايدىسىنىڭ %27ىنى ئىگىلەپ باققان، ئەمما سامسۇڭ Note 7 يانفونى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن پايدا بىراقلا %15كە چۈشۈپ قالغان.

خۇاۋېي بولسا ئالما ۋە سامسۇڭدىن قالسا پايدا ئېلىۋاتقان بىردىنبىر يانفون شىركىتى، شۇنداقلا «پايدىغا مېڭىۋاتقان» بىردىنبىر جۇڭگو يانفون شىركىتى. 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ دۇنيا يانفون بازىرى ئومۇمىي پايدىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %8كە يەتكەن، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %5 بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەجنۇنتال2 ئاي ئىلگىرى

    توۋا قايسنى ياقتۇرساڭلا شۇنى ئىشلىتىڭلا نىم بۇ يەدە ئىت پىت دەپ بىربىرمىزنى چېقۋېلىپ يۈرمىز

  • 156******672 ئاي ئىلگىرى

    ئوتالدۇراخۇن ئىنكاس دىسە سىلىدىنلا چىقىدىكەن ، سىلىنىڭ ئاتاڭلە تېلىفۇن ياساپ سېتىپ باققانما ، سىلە پۇلۇم خەقنىڭ چۆنتىكىگە چۇشۇپ كەتمىسۇن دەپ ئاتاڭلە ياسىغان تېلىفۇندىن باشقا تېلىفۇن ئىشلەتمەمسىلە ، ئۇنداق بولسا ھازىر سىلە ئىشلىتىۋاتقان ئاتاڭلە ياسىغان ئەشۇ تېلىفۇننىڭ ماركىسىنى قەيەردە ساتىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەرمەمسىلە ، مەنمۇ پۇلۇمنى تىمكوكنىڭ چۆنتىكىگە بەرمەي سىلنىڭ ئاتاڭلىنىڭ چۆنتىكىگە سالاي .

  • خۇاۋىي ھەۋەسكارى2 ئاي ئىلگىرى

    توغرا دەيسىز سىزنى ئۇنىڭ قىزى بىلەن سېلىشتۇرۇش پىت بىلەن كىتنى سېلىشتۇرغانغا باراۋەر مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغۇدەك يىرىم يوق شۇڭا ........ ؟

  • سەزگۈ123152 ئاي ئىلگىرى

    ئوتالدىراخۇن بىر بىلەت كەتتى ،،نەخ گەپنى قىپسىز

  • ئوتالدۇراخۇن F12 ئاي ئىلگىرى

    چۈنكى نۇرغۇنلىغان نادان كىشىلەر پۇلىنى تىم كۆكنىڭ چۆنتىكىگە ئەخمەقلەرچە سالىدۇ، بىراق شۇ پۇلنى ئاتا ئانىسىنىڭ چۆنتىكىگە سىلىشقا قورسقى ئاغرىديدۇ

  • تاماخور2 ئاي ئىلگىرى

    مەن پۇلنى ئۈزەم خالىغان نەرسىلەرنى سېتۋېلىش ئۈچۈن ئۈزەم خالىغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تاپىمەن . بانكىغا سېلىپ قۇيۇپ بانكىنى باي قىلىش ئۈچۈن تاپمايمەن . ئۈزىڭىزنى بېل گايتىسنىڭ قىزى بىلەن سېلىشتۇرماڭ .بۇ خۇددى پىت بىلەن كىتنى سېلىشتۇرغاندەكلا ئىش ، ئۇنىڭ بىر ئايلىق تاماق چىقىمىلا سىز بىلەن بىزنىڭ بىر يىللىق كىرىمدىن ئېشىپ كىتىدۇ ئۇلارنىڭ قىممەت باھالىق ئىسىل تاماق يەيدىغانلىقىنى بىلمەيسىز ھەقاچان . مەن ئۇلارنىڭ ئۇنداق تىجەشلىك ئىكەنلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن . تىجەشلىك بولسا بېل ئۈيىدە بېقىۋاتقان لەھەڭنى دېڭىزغا قۇيۋەتكەن بۇلاتتى .

  • خۇاۋىي ھەۋەسكارى2 ئاي ئىلگىرى

    بىلگايتىسنىڭ قىزىمۇ 1 مو پۇلنى ئارتۇق خەجلەشنى خالىمايدۇ،شۇ باھاسى يۇقرى بولغان نادىر نەرسىدىنمۇ،تېخىمۇ نادىر بولغان ئىختىدارى يۇقرى بولغان باھاسى ئەرزان بولغان نەرسىنى تاللىغىنىمىز ئەۋزەلدۇر،

  • تاماخور2 ئاي ئىلگىرى

    zulupkar09(
    ئۇنداقتا سىز بىر ئىشەنچىلىك ئاخپاراتلار بىلەن دۇنيادىكى بايلارنىڭ رەت تەرتىپىنى قايتا رەتلەپ چىقمامسىز

  • zulkar092 ئاي ئىلگىرى

    دىمەك نەچچە ئايدا بىر توختىماي يېڭى تىلىفۇن چىقىرىۋاتقان،ئىككى مىڭ ،ئۈچ مىڭ ،ئۈچ يېرىم مىڭدىن تالاشتۇرۇپ سېتىۋاتقان شىياۋمى ،oppo.vivo.مېيزۇ ،نۇبىيا،يىجىيالار،ئىزچىل پايدا ئالماي زىيان تارتىپ كىلىۋېتىپتىدە،ھەممىسى قۇرۇق گەپ،فۇربىس پۇقىنى يىسۇن ،ئۆزىچە خەقنىڭ مال مۈلكىنى باھالاپ رەت تەرتىۋىنى بېكىتىپ كىتىدىگەن ،كىم بىرىنجى باي كىم ئىككىنجى بۇنى ھەرگىزمۇ باھالاپ چىققىلى بولمايدۇ،بەزىلەرنىڭ پۇلى ئېلان قىلىنغان مال مۈلكىدىن ئون يىگىرمە ھەسسە كۆپ بولسا.بەزىلەرنىڭ نەچچە يۈز ، ھەتتا نەچچە مىڭ ھەسسە جىق بولىدۇ.شۇڭلاشقا قىرىق ئەللىك مىليارد پۇل بار دەپ قارىغان بايلارنىڭ،نەچچە يۈز مىليارد ھەتتا نەچچە تىرلىيونغا ئوڭايلا كۈچى يېتىدۇ.

  • تاماخور2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما بىر نادىر ئەسەر .تەنەرخى بىلەن ھىساپلىشىپ باقمىدۇق .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号