باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

بوۋاي ئەخلەت ساندۇقىدىن تېپىۋېلىپ چوڭ قىلغان بوۋاقنىڭ «ئىگىسى» چىقتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-22 13:11 16 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 22-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر 60 ياشلىق بوۋاينىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولدى. بىراق، بىر نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر كۈنى ئۇ بىر ئەخلەت ساندۇقىنى ئاچقاندا كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن قاتتىق ھەيران قالدى. چۈنكى ئەخلەت ساندۇقىدا بىر بوۋاق تۇراتتى.

بۇ بوۋاق ئەخلەت ئارىسىدا جىمجىت ياتقان، بەدىنىنى كىر-قاسماق باسقانىدى. ھەممە ئادەم بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرەك پارىسى دەپ قارايدۇ. بىراق، يېڭى تۇغۇلغان بۇ بوۋاقنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. شۇڭا بوۋاي بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي بوۋاقنى ئاۋايلاپ قۇچىقىغا ئالدى.

گەرچە بوۋاي بۇ بوۋاقنى تېپىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ئۆتسىمۇ، ئەمما بالىغا ناھايىتى ياخشى قارىدى، تۇرمۇشتا تېجەشچان بولۇپ، بالىغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى بەردى.

بوۋاي يەنە بالىنى تېپىۋالغان كۈننى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ھەر يىلىدىكى ئاشۇ كۈندە سۈرەتخانىغا ئېلىپ بېرىپ خاتىرە قالدۇردى.

ئۇ يەنە بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتسىمۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردى. بالىمۇ ئىش ئۇقىدىغان، ياۋاش چوڭ بولدى.

بىراق، بىر كۈنى بىرنەچچەيلەن بالىنى تۇيۇقسىز ئالغىلى كەلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەنلىكى، بالىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقى، بوۋايغا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، شۇنچە باي ئادەملەر ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن بالىنى تاشلىۋەتكەن؟ ئۇلار بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ ئەينى ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ دوختۇرخانىدىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھايات دوقمۇشلىرىدا2 ئاي ئىلگىرى

    باشقا نەرسە ئەمەس، توخىنىڭ پوقىلا ئىكەن ماۋۇ خەق

  • ئۈندىدار4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلار بالنىڭ ئاتا ئانسى ئەمەس ،بالىسى يوقلار ئوخشايدۇ ،شۇنداق دەپ بوۋاينى ئالدىغان گەپ

  • kaktus4 ئاي ئىلگىرى

    يۇقاپ كەتتى دىگەن قانداق گەپ بوۋاق تۇغۇلۇپلا يۈگۈرۈپ ئويناپ ئىھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كەتمىگەن بولغىيدى

  • 阿卜杜外力.托合提4 ئاي ئىلگىرى

    بالا چوڭ بولغىچە ئاتا-ئانىسى ئىزدىمەپتىكەندە ئەسلى

  • ζulpiya4 ئاي ئىلگىرى

    مىنڭچمۇ بالسىنى بىر قىتىم تاشلىۋەتكەن يەنى تىخى كوچغا بۇنداق ئادەمنىڭ بالسغا قاراشمۇ ھۇقۇقى يوق

  • بودەك ئانا4 ئاي ئىلگىرى

    ئەخلەت ساندۇقىدا ياتقان بوۋاقنىڭ سۈرئىتىنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كەتتى، بوۋاق دىگەننى ئۇنداق يەرگە تاشلاش ئەمەس،ئۆزىمىزنىڭ ياتقان يېرىگىمۇ ئالدىراپ ياتقۇزغىمىز كەممەيدىغۇ ،ھەي چوڭ بوغاندا ئىگىسى چىقىپتۇ مىنە

  • A❤LOYE❤B4 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ دولىتىمىزدە قانۇن بار ئۇندا بۇ بالا بىزنىڭ دوختۇرخانىدا يۈتۈپ كەتتى دىسە كىم ئىشىنىدۇ مىنىڭچە ئۇلار بىر ئالدامچى

  • 阿卜杜09984 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بوۋايىغا پۇل بەرگەن بىلەن ئاشۇ بوۋايىنىڭ بالىغا چۈشىكەن مھىرنىي سىتىۋالامىدۇ ئۇلانىڭ دئىگەن گىپىمۇ يالىغان بالىنىي ئەپ قاچىقان ئادەم ئەخىلەت خانىغا تاشىۋئتەمىدۇ

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    ئاندىنچۇكىيىن قانداق بولغاندۇ نىمىشقابالدۇرئەپكەتمەيئەمدىلىكتەئەپ كەتمەكچى بولغاندۇئەڭ ياخشسى راسلا شۇلار نىڭ بالسى مۇ ئېنىق ئايرسابولغۇ دە ك

  • @@karwan886@@4 ئاي ئىلگىرى

    بىچارە بوۋاي قانچىلىك ئازاپلاندىكىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号