باش بەت

زۆھەل

160يوللانما
15مەستانە

خۇاۋېي noa 2s يانفونى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تورىدا پەيدا بولدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-23 11:41 4 ئىنكاس چۈشتى

techwebخەۋەرلەر تورى 22-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن بىز سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە تىپ نومۇرى (HWI-AL00HWI-TL00) بولغان خۇاۋېينىڭ پۈتۈن ئېكرانلىق يېڭى يانفونى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئۇچراتتۇق. بۇ يېڭى يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدە نۇقتىلىرى، 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكراندىن باشقا يەنە، بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە Home كۇنۇپكىسى يانفوننىڭ ئالدى يۈز تەرىپى ئاستى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ يانفونغا ئالدى-كەينى قوش كامېرالىق لاھىيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ (جەمئىي تۆت كامېرا)، ئەينەك يانفون گەۋدىسى تولىمۇ كۆركەم.

ئالدىنقى ئەۋلاد Nova 2 يانفونى

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يانفوننىڭ يېڭى ئەۋلاد Nova يانفونى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېڭى يانفون خۇاۋېي Nova 2s دەپ ئاتالغان بولۇپ، كېلەر ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يانفون سەپلىمىسى جەھەتتە، خۇاۋېي Nova 2s يانفونىغا 6 دىيۇملۇق 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران سەپلەنگەن، ئارقا قىسمىغا 3D ئەينەك يانفون گەۋدىسى لاھىيەسى قوللىنىلغان. بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە Home كۇنۇپكىسى ساقلاپ قېلىنغان، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 64GB ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن، چىلىن 670 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىلگەن. سۈرەتكە تارتىش جەھەتتە، ئارقا كامېراسى 20 مىليون پىكسىل+16 مىليون پىكسىللىق قوش كامېرا، ئالدى قىسمىغا قوش كامېرا سەپلەنگەن. باتارىيە سىغىمى 3340mAh، 18Wلىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، 3.5mmلىق تىڭشىغۇچ تۆشىكى ساقلاپ قېلىنغان.

خۇاۋېي Nova 2s نۆۋەتتىكى ياشلارنىڭ مودا قارىشىغا ئاساسەن لاھىيەلەنگەن بولۇپ، كۆركەم لاھىيەسى، ئۆز تارتىم ئىقتىدارى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىستىمال توپىنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان.

لايىھە جەھەتتە، خۇاۋېي Nova 2s ئەلۋەتتە نۆۋەتتىكى بازارغا سېلىنىۋاتقان پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە بەكرەك تارتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئېكرانلىق لايىھەگە ماسلاشتۇرغان ئالدى يۈز Home كۇنۇپكىسى نۆۋەتتىكى يولغا قويۇلىۋاتقان لاھىيەلەر ئىچىدە بىردىنبىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يانفوننىڭ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى تولىمۇ يۇقىرى.

باھاسى جەھەتتە، بۇ يانفوننىڭ ھەقىقىي باھاسى توغرۇلۇق تېخى ئېنىق ئۇچۇر يوق، ئالدىنقى ئەۋلاد مەھسۇلاتى بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاش جەھەتتىن مۆلچەرلىگەندە، بۇ يانفوننىڭ باھاسى 2499 يۈەن ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • خۇاۋىي ھەۋەسكارى2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خۇاۋىي ئىچىمگە ئوت سېپلا يۈرۈيدۇ دىسە،، يا تېلفۇننى ئايدا بىر ئالماشتۇرغىلى بولمىغان

  • apla_5202 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دېگەن OPPO بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن چىقارغان تېلېفون. ئوتتۇرا ھال ، سەپلىمىلىك تېلېفون.

  • ھەۋەسكار 55952 ئاي ئىلگىرى

    mate 10ئال شۇنىڭغا 970سەپلەنگەن

  • 5026092 ئاي ئىلگىرى

    970نى ئىشلەتكەن بوسا ئالاتتم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号