باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

توردا تونۇشقان ئەر بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان مېيىپ ئايال پۇشايمان قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-23 13:54 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، يىبىن پىڭشەن ج خ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى بىر ئايالنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ «كونتروللۇقى»دا قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ساقچىلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى بېكىتتى ۋە دەرھال نەق مەيدانغا ئاتلاندى. بىراق، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا ھېچقانداق گۇمانلىق ئادەم بايقىمىدى، ئۇ تېلېفوندا ئېيتقاندەك ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ ھېس قىلمىدى.

بۇ ئايال كىچىكىدىنلا مېيىپ، ھەرىكىتى قولايسىز، يىلبويى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان، يېشى 40تىن ئاشقان بولسىمۇ يۇرتىدىن چىقىپ باقمىغان، سىرتقى دۇنياغا بىر خىل قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش نەزىرىدە قارايدىغان بولغاچقا سىرتلارنى كۆرۈپ كەلگۈسى بار ئىدى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە بۇ ئايال توردا بىر ئەر بىلەن تونۇشتى ھەم ئۇنىڭ «شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى»غا ئالدىنىپ ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇن پىكاپ كۆتۈرەگە ئېلىپ ئەرنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

بىراق، ئۇ ئەرنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن قاتتىق ھەيران قالدى. چۈنكى ئۇ ئەرنىڭ ئۆيى ئەنچيۇ ناھىيەسىدىكى بىر چەت تاغلىق كەنتتە بولۇپ، تۆت تامدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق، ئەھۋالى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئىدى، ئايالنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەر ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىپ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۆتكۈزەتتى، ئۇنى ئۆيدە يالغۇز قوياتتى.

بىر ئاز دىلىغۇل بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال ئاخىرى بۇ جايدىن كېتىشنى قارار قىلىپ ساقچىلاردىن ياردەم سورىغانىدى. كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاكاش ئەسكى1 ئاي ئىلگىرى

    كەتمەننىڭ ئۆلگۈسى كەلسەتاشقا تىگپتۇ
    قېرىنىڭ ئۆلگۈسى كەلسە ياشقا تىگىپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号