باش بەت

durdana

1500يوللانما
122مەستانە

«ھوقۇق ئويۇنى»دىكى ئارتىسلار ئەڭ بۇرۇن قانداق روللارغا چىقىپ باققان؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-25 11:22 0 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ھوقۇق ئويۇنى» دىكى ھەر خىل تەھلىللەرنى تولا قىلىپ ھېرىپمۇ قالدۇق، ئەمدى سەل ئازادىرەك بىر تېمىدا سۆزلىشىپ باقايلى، يەنى «ھوقۇق ئويۇنى» دىكى ئارتىسلار تۇنجى قېتىم ئېكراندا قانداق ئوبرازلارنى ياراتقان بولغىيدى دېگەننى.

مارك ئەددى «ھوقۇق ئويۇنى» دىكى روب باراسىئوننىڭ رولىنى ئېلىشتىن بۇرۇن بەلكىم سىز ئۇنى قەتئىي تونۇمايدىغان بولغىيتىڭىز. سولدىكى رەسىم 2000-يىلى قويۇلغان فىلىم «تاش جەمەتى باغچىسى2: قىمار شەھىرى ياشىسۇن» (石头族乐园2:赌城万岁) دىكى ئوبراز، لېكىن ئۇنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنقى ئەسىرى 1997-يىلىدا ئىشلەنگەن ئىكەن.

چارلېز دەنس بوۋاي تايۋىن لەنىستېرنىڭ رولىنى قالتىس ئېلىپ ئاخىرىدا تەرەت تۇڭىدا ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى نۇرغۇن ئادەمنى قايىل قىلدى. سىلەر بىلمەسلىكىڭلەر مۇمكىن ئۇ ئەڭ بۇرۇن 007  يۈرۈشلۈكىدە رول ئالغان ئىكەن، 1981-يىلىدىكى «007 نىڭ ئەڭ ئالىي مەخپىيەتلىكى» (007之最高机密) دە كىچىككىنە بىر رولغا چىققان ئىكەن.

لېنا ھېدىنى كۆپ ئادەم «ھوقۇق ئويۇنى» دىكى سېرسىينىڭ رولىدىن بۇرۇن «300 ئەزىمەت» (300勇士) تىكى ياكى 2007-يىلىدىكى «ئاخىرلاشتۇرغۇچىنىڭ غەيرىي رەسمىي تەرجىمىھالى» (终结者外传) دىن بىلگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەڭ بۇرۇن 1992-يىلىدىكى «سۇ يېزىسى» (水之乡) دە رول ئالغان ئىكەن.

پىتېر دىكلېيج، 1995-يىلى كومېدىيىلىك فىلىم «ئۇنۇتقاقلىق ئىچىدە ياشاش» (开麦拉狂想曲) دە رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان. رەسىمدىكىسى «كۆڭۈل بېكىتى» (心灵驿站) دىكى ئوبرازى، ئۇ بۇ رولى بىلەن ناھايىتى كۆپ ئېتىراپقا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ نام چىقىرىشىغا ئاساس سالغان.

نىكولاج كوستېر ۋالدو رولىنى ئالغان جېيمى لەنىستېر ناھايىتى غەلىتە بىر ئوبراز، پۈتۈن تىياتىردىكى كۆڭلى ئەڭ دېلغۇللۇقتا قالغان ئوبرازلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1994-يىلىدىكى «جېسەكچى» (看夜更) ئىكەن.

جېك گېلىسون «ھوقۇق ئويۇنى» دا جەففىرى باراسىئوننىڭ رولىنى ئېلىپ نەپرەتكە كۆمۈلۈپ كەتكەن ئارتىس، چۈنكى ئۇ رولنى بەكلا ياخشى ئېلىۋەتكەن، ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 2005-يىلى قويۇلغان «شەپەرەڭ پالۋان: پالۋان سايىسىنىڭ سىرى»(蝙蝠侠:侠影之谜) دە بىر كىچىك بالىنىڭ رولىنى ئالغان.

بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ئانتون لېسسىر «ھوقۇق ئويۇنى» دا كىمياگەرنىڭ رولىنى ئېلىپ تونۇلغان، بۇ ئارتىس ئەنگلىيەلىك ئەڭ داڭلىق ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ بىرى بولغان خان جەمەتى شېكىسپىر ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى. ھازىرغىچە تېپىلغان ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەسىرى قاتارىدىن 1982-يىلىدىكى «لىر پادىشاھ» (李尔王) بار ئىكەن، لېكىن ئۇ 1979-يىلىلا كىنو-تىياتىرلارغا قاتناشقان.

پىيسىل ئۇستازنىڭ رولىنى ئالغان جۇلىئان گلوففېر 60-يىللاردا ھەر خىل كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە قاتنىشىپ نام چىقارغان. رەسىمدىكىسى «پىلانتلار ئارا ئۇرۇش2: ئېمپىرىيەنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى» (星球大战2:帝国反击战) دىكى ئوبرازى. توغرا ئۇ چارلىز دەنسكە ئوخشاشلا «007 نىڭ ئەڭ ئالىي مەخپيىتى» گە قاتناشقان.

جوناسېن پرايس رولىنى ئالغان ھاي سىپاروۋ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغان شەخىس، ئۇ بۇ  يىل 70 كە كىردى، سۈرەتتىكىسى 1985-يىلىدىكى «Brazil» فىلىمىدىكى ئوبرازى، ئەلۋەتتە، ئۇ 1970-يىلىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە كۆرۈنۈشكە باشلىغان.

جېرمى فىلىن رولىغا چىققان بولتوننىڭ ئوبرازىمۇ كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، رەسىمدىكىسى 1991-يىلى قويۇلغان «Soldier Soldier» ئامېرىكا تىياتىرىدىكى ئوبرازى، بۇ تىياتىردا ئۇ بىر ناخشا ئېيتقان، ئۇ بىر ناخشا گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ناخشا ئېيتىشقا چۈشۈپ كەتكەن...ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەسىرى 1986-يىلىدىكى ئامېرىكا تىياتىرى «تاق كۆزەينەكلىك سۈيقەستچى» ئىكەن.

ئايال پادىشاھ لىئەننا تايرىلنىڭ رولىنى ئالغان دىئاننا رىگ خېلى كۆپ ئادەمگە تونۇشلۇق، ئۇ 1969-يىلى «007 ئايال پادىشاھنىڭ مەخپى بۇيرۇقى» (007之女王密使) دا «بوند ئايال» نىڭ رولىنى ئالغان، لېكىن ئۇ 1961-يىلى قويۇلغان «قىساسكار» (复仇者) دا باش رول ئالغان، سۈرەتتىكىسى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى قىياپىتى. سۈرەتتىكىسى «قىساسكار» فىلىمىدىكى ھالىتى.

ئەتىرگۈل ماجىرى تايرىلنىڭ رولىنى ئالغان ناتاللى دورمېر ئەڭ بۇرۇن 2005-يىلى «كاسانوۋا» (卡萨诺瓦) دا رول ئالغان.

7-بۆلۈمدىكى ئادەمنىڭ ئەڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان كىشى-جوراھ مورمونتنىڭ رولىنى ئالغان ئىيىن گريې 1985-يىلى «ئىككى ئەۋلاد غەلىتە ئادەم» (两世奇人) دە  رول ئالغان، لېكىن ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا 1988-يىلىدىكى «تۇماندىكى ئورانگوتان» (雾中猩猩:黛安·福西的冒险) فىلىمى تېخىمۇ داڭلىق.

دەنەرىسنىڭ ئاكىسى ۋىسېرىيس گەرچە تىياتىردا كۆپ كۆرۈنمىسىمۇ لېكىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئېسىدە بار. 7-بۆلۈم 7-قسىمىدا چىقىدىغان رېگىرنى ۋىسېرىيس دەپ تونۇپ قالغان، لېكىن بۇ ئىككى پېرسۇناژ ئىككى ئادەم. ۋىسېرىيسنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس 1999-يىلىدىن باشلاپ رولغا چىقىشنى باشلىغان، ھازىر داڭلىق بولغان ئەسەرلىرىدىن 2006-يىلى BBC ئىشلىگەن «قاراقچى روبىنھام» (侠盗罗宾汉) بار.

دەنەرىسنىڭ رولىنى ئالغان ئېمىلىيا كلاركنىڭ ناھايىتى تەلەيلىك ئارتىس ئىكەنلىكىنى ئېيتىمىساق بولمايدۇ، ئۇ «ھوقۇق ئويۇنى» غا قاتنىشىشتىن بۇرۇن پەقەت بىرلا ئەسەردە رول ئېلىپ باققان، يەنى 2010-يىلى SyFy ئىشلىگەن فانتازىيىلىك تېلېۋىزىيە فىلىمى «تىرىئاس دەۋرىدىكى ھۇجۇم» (三叠纪来袭) دا رول ئالغان. «ھوقۇق ئويۇنى» قويۇلۇشى بىلەن دەنەرىسنىڭ نامى راستتىنلا چىقتى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى چولپان ئارتىسلار قاتارىغا كىردى.

ئات شاھىنىڭ رولىغا چىققان جېيسىن موما ئىلگىرى ئۇزۇن تىياتىر «دېڭىز ساھىلىدىكى قۇتقۇزۇش ئەترىتى» (海滩救护队) دا رول ئالغان، بۇ تىياتىر 1989-يىلىدىن باشلاپ قويۇلغان، لېكىن جېيسىن 1999-يىلى قاتناشقان، لېكىن ئۇ ئات شاھىنىڭ رولىغا چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كەسپى ساھەسىدە گۈللىنىش بولدى، DC نىڭ قەھرىمانلىق فىلىمى «دېڭىز شاھى» دا ئەركەكلىكى نامايەن بولغان قىياپەتتە پەيدا بولدى. يەنە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويسام، جېيسىن موما كۆز قەلىمى سىزىۋالسىمۇ پەقەت ئايالچە كۆرۈنمەيدىغان ساناقلىق ئارتىسلارنىڭ بىرى.

ۋەرىسنىڭ رولىنى ئالغان كونلېس ھىل ئەڭ بۇرۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەسىرى «جىددىي كېسەللەرنى داۋالاش ئۆيى» (急诊室)گە 1989-يىلى ئەتراپىدا قاتناشقان. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى قاتارىدىن 90-يىللاردىكى ئەنگىلىيە كومېدىيىلىك تىياتىرى «Blue Heaven» دە رول ئالغان. ئەمەلىيەتتە ۋەرىس چاچ قويغاندا ئالامەت كېلىشكەن بولۇپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ كۈمۈشرەڭ چاچ قويسا دەڭە.

مېيسى ۋىليامىسنىڭ تۇنجى ئەسىرى دەل «ھوقۇق ئويۇنى»، ئەينى چاغدا ئۇ 12 ياشتا بولۇپ، مايمۇندەك كەپسىز ئارىيا ستاركنىڭ چېچەنلىكىنى نامايەن قىلغان.

ئالفى ئەللىن رولىنى ئالغان سېئون گىرىجوي ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ بىر پېرسۇناژ، لېكىن ئالفى ئەللىن بۇ رولنى بەك جايىغا چۈشۈرگەن، ئۇ ئەڭ بۇرۇن 1998-يىلىدىكى «ئېلزابىت» (伊丽莎白) فىلىمىدە رول ئالغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 12 ياشتا ئىكەن.

ئاخىرقىسى بېيلىشنىڭ رولىنى ئالغان ئايدەن گىللىن، ئۇ 80-يىللاردىن باشلاپ كىنو-تىياتىر ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان، لېكىن 99-يىلى «ھەمجىنىسمۇ ياكى ئادەتتىكى ئادەممۇ» دېگەن فىلىمى بىلەن تونۇلغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号