باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

كۆك نۇردىن ئايرىلالمايدىغان غەلىتە كېسەل بولۇپ قالغان 4 ياشلىق بالا

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-25 13:43 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىسمايىل ئەلى ئىسىملىك بۇ بالا ئەمدىلا 4 ياشقا كىردى. بىراق، ئۇ كىرىگلېر-ناججار سىندرومى دەپ ئاتىلىدىغان غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ بەدىنىدە بىر خىل ئېنزىم كەم بولغانلىقتىن قىزىل قان ھۈجەيرىسى ھەددىدىن زىيادە پارچىلىنىپ كېتىپ توكسىنلارنىڭ يۈرىكىگە يىغىلىپ قالغانلىقى، ھاياتى خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسمايىل ھەر كۈنى 20 سائەت كۆك نۇر ئۆتكۈزۈلگەن كارىۋاتتا يېتىش ئارقىلىق بەدىنىدىكى توكسىنلارنى پارچىلىشى كېرەك. بۇ 20 سائەتتە ئۇ كارىۋاتتىن چۈشمەسلىكى، تامىقىنىمۇ كارىۋاتتا يەپ، كارىۋاتتا ئوينىشى كېرەك.

بۇ كېسەلنى جىگەر كۆچۈرۈش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئانىسى بۇنداق قىلىشنى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش بولدىۇ دەپ قارىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە ناركوز دورىلىرى ئەكس تەسىر قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ئىسمايىل چوڭ بولغاندا ئۆزىگە قارار قىلدۇرماقچى بولدى. ھازىر ئۇ بالىسىنىڭ كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنىلا ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىسمايىلنىڭ بالىلىقى مۇشۇ كۆك نۇر ئۆتكۈزۈلگەن كارىۋاتتىن ئايرىلماي كەلدى. بۇ كارىۋاتنىمۇ 6 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

ئۇ ھەر كۈنى يەسلىدە پەقەت ئىككى سائەتلا تۇرالايدۇ. 

يېقىندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى گوللاندىيەدە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى كارىۋات بارلىقى، داۋالاش ۋاقتىنىڭ 7 سائەت بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ناۋادا مۇشۇ ئىش مۇمكىن بولۇپ قالسا ئىسمايىلنىڭمۇ باشقا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرەلىشىدىن ئۈمىد بار.

باش سۈرەت تاللاش x
  • جۇشىڭچى4 ئاي ئىلگىرى

    كونا خەۋەر توشتىمۇ يا ئوتتۇز ھەرىپ

  • غەيرەت قىلاي4 ئاي ئىلگىرى

    مەن تېخى ئۇيغۇر ئوخشايدۇ دەپتىمەن.جاھاندا ئادەم ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ھەر خىل كېسەللەر بار ئىكەن ، توۋا.

  • لۇخەن4 ئاي ئىلگىرى

    كۆزىگە تەسىرى بولماسمۇ؟،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号