باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

ئېلىمىز «ياۋگەن 30-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-25 17:11 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

25- نويابىر سائەت 02:10دا ئېلىمىزنىڭ «ئۇزۇن سەپەر 2» نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتاسى شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، شۇنداقلا «ياۋگەن 30» نومۇرلۇق سۈنئىيي ھەمراھنى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا يەتكۈزدى. «ئۇزۇن سەپەر 2» نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانى جوڭگۇ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى گۇرۇھىغا قاراشلىق 1-تەتقىقات ئورنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان. بۇ راكېتا ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۈچ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇتۇقلۇق ۋەزىپە ئىجرا قىلغان داڭدار راكېتاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش بولسا «ئۇزۇن سەپەر 2» نومۇرلۇق راكىتانىڭ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش بۇ راكېتانىڭ ئىقتىدارى ۋە چىدامچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ئىسپاتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئۇزۇن سەپەر» يۈرۈشلۈكىدىكى راكېتالارنىڭ 256- قېتىملىق توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ياۋگەن 30» نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمرانى جوڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىكرو سۈنئىي ھەمرا تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ چىققان سۈنئىي ھەمرا بولۇپ، كۆپ سۈنئىي ھەمرا تورى ئەندىزىسى ئىشلىتىلگەن. بۇ سۈنئىي ھەمرا ئاساسلىقى ماگنىت مەيدانى مۇھىتىنى ئۆلچەش ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى سىناق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号