باش بەت

چالىقۇش

1309يوللانما
327مەستانە

ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان سۈنئىي ھەمراھلار

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-26 19:31 0 ئىنكاس چۈشتى

 1957 - يىل 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر قويۇپ بەرگەن سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانى تەخمىنەن 6000دىن ئېشىپ كەتتى. بۇ سۈنئىي ھەمراھلار ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان ھالەتتىمۇ يەنىلا ئوربىتىدا داۋاملىق ئۇچۇۋېرىپ ئالەم ئەخلەتلىرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. 
مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوربىتا ئېگىزلىكى 2000 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغان سۇنئىي ھەمراھلارنى ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىپ 25 يىل ئىچىدە چوقۇم يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك. سۇنئىي ھەمراھلار ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا بۇيرۇق بويىچە ئوربىتا ئېگىزلىكىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارىغا قايتىپ چۈشىدۇ.
20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن 80 - يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن 200 راكېتا ۋە سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزىگە چۈشكەن، يېقىندىن بۇيان ھەر يىلى تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا چۈشۈۋاتىدۇ، سۈنئىي ھەمراھلار بىر تەرەپتىن، يەر شارىنى ئايلىنىپ ئۇچىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتموسفېرانىڭ سۈركىلىش قارشىلىق كۈچى تەسىرىدە ئوربىتا ئېگىزلىكى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ بارىدۇ. سۈنئىي ھەمراھلار 130 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى زىچراق ئاتموسفېرا قاتلىمىغا چۈشكەندىن كېيىن ھاۋانىڭ سۈركىلىش كۈچى ئېشىپ ئوربىتا ئېگىزلىكى تېز تۆۋەنلەيدۇ ھەم سۈركىلىش سەۋەبىدىن قىزىپ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاتموسفېرادا كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ھەر يىلى پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى سۇنئىي ھەمراھ دېتاللىرىلا يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەر شارى يۈزىنىڭ تەخمىنەن %71ى دېڭىز - ئوكيان، %29ى قۇرۇقلۇق، قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچىدە يەنە قۇملۇق، قۇتۇپ رايونلىرى، ئېگىز تاغلىق رايونلار ۋە ئىپتىدائىي ئورمانلىق قاتارلىق ئىنسانلار ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان جايلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئىنسانلار ياشايدىغان جاي تېخىمۇ ئازىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا سۈنئىي ھەمراھ قالدۇقلىرىنىڭ ئىنسانلار ياشاۋاتقان جايلارغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى تورى

http://uyghur.xjdaily.com/58/58/58/58/58/58/58/34169.html

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号