باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

سامسۇڭنىڭ پاي باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-27 17:04 8 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 27-نويابىر رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتىنىڭ پاي باھاسى بۈگۈن %4 چۈشۈپ بىر ئاي ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن مورگان سىتانلېي بۇ شىركەتنىڭ پاي مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن، سەۋەبى ئۇلار ساقلىغۇچ ئۆزىكىنىڭ باھاسى ئۆرلەشتىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى دەۋر»نىڭ ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلغان. 

ساقلىغۇچ ئۆزىكىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى سامسۇڭنىڭ 3-پەسىلدىكى پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. بۇ شىركەتنىڭ شۇ پەسىلدىكى پايدىسى 14 تىرىليون 500 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 12 مىليارد 900 مىليون دوللار)غا يېتىپ، تارىخىي يېڭى رېكورت ياراتقان. 

ئەمما مورگان سىتانلېي بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا سامسۇڭنىڭ پايچېكىگە بەرگەن باھانى «ئېشىش ھالىتىنى ساقلاش» دېگەن كۆرسەتكۈچتىن «پاينى ساقلاپ قېلىپ كۆزىتىش»كە ئۆزگەرتكەن ھەمدە نىشان باھانى %3.4 تۆۋەنلىتىپ ئىككى مىليون 800 مىڭ ۋونغا چۈشۈرگەن، سەۋەبى ساقلىغۇچ ئۆزىكى تارمىقىنىڭ كېلەر يىللىق پايدىسى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئاشماسلىقى مۇمكىن. 

بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «NAND ئۆزىكىنىڭ باھاسى 2017-يىلى 4-پەسىلدە تەتۈر ئايلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەپ كېتىش خەتىرىنى كۆرۈپ يەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېلەر يىلى بىرىنچى پەسىلدىن كېيىن NAND ئۆزىكىنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئامىل كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.»

گرېنۋىچ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت 3:47 (بېيجىڭ ۋاقتى 11:47)دە سامسۇڭنىڭ پاي باھاسى %4.2 تۆۋەنلەپ، ئىككى مىليون 660 مىڭ ۋوندا بازار يېپىلىپ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك تۆۋەنلەش رېكورتى ياراتتى. ئەمما بۇ پاي چېكى ھازىرغا قەدەر %47 ئۆرلىگەن بولۇپ، باھار قىممىتى 353 مىليارد دوللارغا يەتكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەنسۇر مەخسۇت1 ئاي ئىلگىرى

    پاي باھاسى چۇشكىچە تىلفونلىرىنىڭ باھاسى چۇشكەن بۇلساچۇ ئىككى دانە ئالاتتىم nute9 nute 8دىن

  • قاسىم تايچاق1 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىم با دەپ تۇرايلى، دىگەن نۇرداشقا بىر بىلەت كەتتى

  • شاھ1 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق گەپلەرنى تالاشماڭلا باللا

  • ئىسىم بادەپ تۇرايلى1 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ دىگەن بولسا، ئىنكاسقا توشقۇزۋاتقان بۇلتڭلا، بىزگە ئوخشاش چوڭسۇپەت تۇرۇڭلا،، بۇيەدە سامسۇڭ ھەۋەسكارلىرنى دىمەك چىدە،،،، كۇلۇپ بۇلالماي كۇزىدېن ياش چىقان ئىپادىسى

  • 微笑的死神1 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە ئاز كۈندە ۋەيران بولدىغى سەن تاماخورغۇ دەيمەن ، مۇشۇندا ئىچى تارلىق قىلىپ تاما تاتىۋەسەڭ ئاز كۈندە ئەجىلىڭدىن بۇرۇن تاما تاتىپ تامىقىڭ ئىشىپ ئۈلۈپ كىتىسە، سىنىڭ قاغىشىڭغا سامسۇڭ ئالما ھەرگىز تۈگەشمەيدۇ ياشا سامسۇڭ ...

  • ئۇيۇنچى،،،1 ئاي ئىلگىرى

    «ئىشتنىڭ قاغىشىغا پىشىت ئۆلمەيدۇ،تاماخورنىڭ قاغىشىغا سامسۇڭ »سامسۇڭ ماقال-تەمسىللىرى .

  • ئەپچىلەم11 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان قانداقمۇ قىلاسە ئەمدى،،، ئىككى تاسقان ھەرپ

  • تاماخور1 ئاي ئىلگىرى

    چۈشۈپ تۈگەپلا كىتەرمىكىن . ئازلا قالدى ۋەيران بۇلدىغانغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号