باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

909يوللانما
17مەستانە

توردا تونۇشقان ئاشىق-مەشۇقلار 27 يىل ئىلگىرى بىللە رەسىمگە چۈشكەنلىكىنى بايقىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-28 13:35 3 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا Instagram دا بىرەيلەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر ھېكايىنى ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىدىكى ئالاقە دېتالدا تونۇشقان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۆزلىرىنىڭ 27 يىل ئىلگىرى بىر يەسلىدە ئوقۇغانلىقى، يەنە تېخى يانمۇ-يان تۇرۇپ رەسىمگە چۈشكەنلىكىنى بايقىغانلىقى سۆزلەنگەن. 

28 ياشلىق Alex Goldstein ۋە Sam Mindlin ئىككەيلەن نيۇيوركنىڭ بروكلىن رايونىدا تۇرىدۇ، 2015-يىلى ئۇلار ئالاقە دېتالدا تونۇشقاندىن كېيىن ئارىلىشىشقا باشلىغان، تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر مەھەللىدە چوڭ بولغانلىقىنى، بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى ئۆيىنى پەقەت ئىككى كوچا ئايرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى يەنە تېخى بىر يەسلىدە تۇرغانلىقىنى بايقىغان، بىرقانچە ئايدىن كېيىن Alex نىڭ سىڭلىسى كونا رەسىملەرنى ئاقتۇرۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ يەسلىدە بىللە چۈشكەن رەسىمىنى بايقىغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئاران ئىككى ياشتا ئىدى. ھازىر 27 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇلار توي قىلىشقا پۈتۈشتى. Alex رومانتىك خىيال قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئەينى يىلى ئىككى كىچىك بالا ئۆزلىرىنىڭ 25 يىلدىن كېيىن مۇھەببەت دېڭىزىدا تەلۋىلەرچە ئۈزىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا قانداق بولار ئىدى؟»

15-نويابىر Alex ئۆزىنىڭ Instagram دىكى ھېساباتىدا تورداشلار بىلەن ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئورتاقلاشتى، تورداشلارمۇ ئۇنىڭ بۇ يازمىسىنى ئىنتايىن ياقتۇردى.

تورداشلارنى بۇ تاتلىق ھېكايە ئەسىر قىلىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن مۇنداق دەپ يازدى: «تۇرمۇشنىڭ سېنى قاياققا ئاپىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيسەن.» يەنە بىر تورداش مۇنداق دەپ يازدى: «بىرەر ئىش پېشانەڭگە پۈتۈلگەن بولسا ھامان چىقىش يولى تېپىلىدۇ.» ئۈچىنچى بىر تورداش مۇنداق دەپ يازدى: «بۇ ئىش تولىمۇ قالتىس بوپتۇ، راستىنلا تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن، تەقدىر بىر گۈزەل ئىش.»


باش سۈرەت تاللاش x
  • 我的生命3 ئاي ئىلگىرى

    نىمگە ئۇخشسا يىگىت ئۇغۇل بالكەن يارايدۇ

  • جامالىم4 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ بالا لوبوغىلا ئوخشايدىكەن دېسە

  • نۇرتاغ4 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ باللىرىنىڭ بىللە ئوينىغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارنى بىرگە سۈرەتكە تارتىپ قويدۇم،ئۇلار،ئۇ ساۋاقداشلىرىم مەن بىلەن نەۋرە تۇغقان كېلىدۇ،ۋە ھەم بىرى يەنە بىرىنىڭ سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان،
    ئۇلار چوڭ بولۇپ تېپىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号