باش بەت

durdana

1500يوللانما
122مەستانە

شەرقچە «ھوقۇق ئويۇنى» دەپ قارالغان جۇڭگو تىياتىرى «دېڭىزدىكى مۇيۈن تەزكىرىسى»

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-28 13:56 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«دېڭىزدىكى مۇيۈن تەزكىرىسى»(海上牧云记)شۇ ناملىق روماندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، خۇاڭ شۈەن، دوۋ شۈەن، جوۋ يىۋېي، شۈ لۇ، ۋېن يوڭشەن، جاڭ جىيانىڭلار باش رول ئالغان، شەرق تۈسىدىكى فانتازىيىلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى. 9 ئايماقلىق چوڭ قۇرۇقلۇق زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، رېن تائىپىسىنىڭ خان جەمەتى ھېسابلانغان مۇيۈن جەمەتىنىڭ 6-خانزادىسى مۇيۈن شېڭ، چوڭ قومانداننىڭ ئوغلى مۇرۇ خەنجياڭ، خەن ئايمىقىنىڭ ۋارىسى شوفېڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن ئاداۋىتى، كۈرەشلىرى سۆزلىنىدۇ.

فىلىمگە بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش كۆپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك تۈستە چىققان، پېرسۇناژلارنىڭ كىيىمى ۋە جابدۇقلار تولىمۇ نەپىس بولۇپ، سىرلىق شەرقچە پۇراقتىكى تارىخى فانتازىيلىك بۇ فىلىم شەرقچە «ھوقۇق ئويۇنى» دەپ ئاتالدى.

«توققۇز ئايماقلىق چوڭ قۇرۇقلۇق» بولسا بىر قانچە فانتازىيلىك رومان يازغۇچىلىرى بىرلىشپ بارلىققا كەلتۈرگەن ئوتۇپىيەلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشلىق بولغان بىر قىسمى. توققۇر ئايماقتىكى رېنزۇ تائىپىسى ئادىمىزات بولۇپ، يۈزۇ تائىپىسى قاناتلىق، ئۇچالايدىغان تائىپە، خېلو تائىپىسى يەر ئاستىدا ياشايدىغان بولۇپ، قورال ياساشنى ئاساس قىلىدىغان پەتەكلەر تائىپىسى. كۇافۇ تائىپىسى گىگانت ئادەملەر تائىپسى. مېيزۇ تائىپىسى بولسا پارچىلىنىپ كەتكەن روھلاردىن قايتا قۇراشتۇرۇلغان تائىپە بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق.

خۇاڭ شۈەن رولىنى ئالغان 6-خانزادە مۇيۈن شېڭنىڭ ئانىسى مېيزۇ تائىپىسىدىن بولۇپ، ئالدىن بېشارەتتە ئەگەر مۇيۈن شېڭ قولىغا شاھلىق قىلىچىنى ئالسا جاھانغا ئاپەت بولىدۇ دېيىلگەن. شۇڭا مۇ يۈنشېڭنى ئوردىدىكى كۈنلىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۆتىدۇ.

دوۋ شۈەن رولىنى ئالغان مۇرۇ خەنجىياڭ مۇرۇ جەمەتىنىڭ 3-بەگزادىسى بولۇپ، بېشارەتتە ئۇ مۇ يۇن جەمەتىنى ئىگىلەپ، يېڭى بىر ئەۋلاد پادىشاھ بولىدۇ دەپ قارالغان. دادىسى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنى كوچىدا سەرگەردان قىلىپ قويىدۇ.

جوۋ يىۋېي رولىنى ئالغان شوفېڭ خېيې بىلەن مۇرۇ خەنجىياڭ كوچىدا تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇزۇن يىل قۇللۇق تۇرمۇشتا تۇرغاچقا شوفېڭ خېيې ئۆز جەمەتىنىڭ شۆھرىتىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.

ئايال باش پېرسۇناژ سۇ يۈنىڭنىڭ رولىنى شۈ لۇ ئالغان، ئالدىن بېشارەتتە ئۇ كەلگۈسىدىكى خانىش نامزاتى دېيىلگەن، ئەسلىدە ئوردىغا بانۇ تاللاشقا كىرمەكچى بولىۋاتقان پۇرسەتتە مۇرۇ خەنجىياڭ بىلەن ئۇچىرىشىپ قېلىپ، مۇھەببەتلىشىپ قالىدۇ، بۇ تەپسىلات ۋەقەلىكنىڭ راۋاجى ئۈچۈن مۇھىم رول تۇتىدۇ.

گۈزەل ۋە سالاپەتلىك مېيزۇ تائىپىسىدىكى پەنشى مۇيۈن شېڭنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بولۇپ، ۋېن يوڭشەن رولىنى ئالغان. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号