باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

كىلىمات سەۋەبىدىن قىزلىرى بالدۇر توي قىلىدىغان دۆلەتلەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-28 16:43 21 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىزنىڭچە، بالىلارنىڭ توي قىلىشى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ئافرىقىدا كىلىمات مەسىلىسى تۈپەيلى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دائىملا ئازلاپ كېتىدۇ، كىشىلەر يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە كىيىم-كېچەككە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن كۈنلىرىنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بەزى ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنى كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا ياتلىق قىلىۋېتىدۇ.

بۇ قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى 10 نەچچە ياش ئەتراپىدا بولۇپ، مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنغان. ئۇلار ياتلىق بولۇشنى خالىمىسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشكە قاراپ تۇرۇشى كېرەك.

قىزلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكى يەڭگىللىگەندىن باشقا، يەنە ئازراق تويلۇققا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئازراق ياخشلىنىدۇ.

ئافرىقىغا جايلاشقان 10 دۆلەتتىكى 41 مىليون قىزنىڭ 22 مىليونى 18 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ياتلىق قىلىنغان. ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يولدىشى بىلەن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ.

بۇ سۈرەتتىكى ئانا 14 يېشىدا ياتلىق قىلىنغان. ھازىر ئۇنىڭ بىر بالىسى بار، ياندىكى ئىككى بالا يولدىشىنىڭ ئىنىسى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا بىرەر ۋاق يېيىشمۇ ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.

شۇ جايدىكى بىر دادا ئۆزىنىڭمۇ قىزىنى ئۇنچە بالدۇر ياتلىق قىلىۋەتكۈسى يوقلۇقى، قىزىنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام ياشاپ، مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقى، بىراق، بۇنىڭ پەقەتلا بىر ئارزۇ ئىكەنلىكى، بۇنداق ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە 18 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ توي قىلىش قانۇنغا خىلاپ. بىراق، ئاتا-ئانىلار ئامالسىز قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ئالدىدا قانۇن-تۈزۈم بىر تەرەپكە قايرىلىپ قالىدۇ-دە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاستانە4 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي بەزى ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە ۋاقىت كىتىدۇ ، شارائىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارمۇ ، ئۆزگىرىدۇ،

  • ئوخخو1 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇن بىزنىڭ يۇرتلادىمۇ شۇندا قىلاتتىكەن

  • نىم دەيسە !1 ئاي ئىلگىرى

    ئافرىقىلىقلار ئۈچۈن ئۇنچىۋالا قىپ كىتىشمە ئۇلا بەرىبىر بىزدىن يىراق x توغرا دەيدۇ بىزنىڭ ئون ياشلىق قىزلا ئەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن

  • X7 x1 ئاي ئىلگىرى

    نادانلاغا
    ئىنكاس بېتىگە ھەممە ئادەم ئويلىغىنىنى يازىدۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئونبەش ياشلىق قىزلىرى بىلەن ئۇيەرنىڭ ئون ياشلىق قىزلىرى تەڭ تۇردىكەن

    ئۈزۈڭنىڭ كۆز قارشىڭدا قاراپ تۇلا خەقنى تىلىلىماڭ بىر خىل نەرسىنى ھەممە ئادەم ھەرخىل كۈرشى مۇمكىن خەقنى ئانداق - مۇنداق تىللاشتىن ئىلگىرى ئۈزۈڭنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئۇ ھىس قىلغاننى سەن چۈشىنىشكە ئەقلىڭ يەتتىمۇ ئويلاپ قويۇڭ !!! !
    مانا مەن لوپنىڭ يېزىسىدىن مەن مۇشۇ جايغا سېلىشتۇردۇم .

  • نامسىز1 ئاي ئىلگىرى

    قىزلىرى ياتلىق بولسا تويلۇققا ئېرشىدىكەن ،لىكىن ئوغلى بارلار بايمىدۇ،كىلىنچەكنىمۇ باقماي بوماس نامراتچىلىق پەقەت مەسلىنىڭ بىر ئامىلى ئىكىس يەتتە دىگەن گەپمۇ يەنە بىر ئامىل ئاددىسى شىمالى شىنجاڭغا قارىغاندا جەبۇبى شىنجاڭدا بالدۇر بالاغەتكە يىتىدۇ،ئۇدىگەن ئافرىقا تۇرسا 15ياشلاردا نىكاھ لانسا مەنچە بۇنى بالدۇر دىۋاغىلى بولمايدۇ

  • ئەسمەتخان1 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي جىڭ ئاشۇ، ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى يوق داپ، بەزەنلىرىڭلار، كالىنىڭ كاسا يانچۇقىدەكلا گەپ قىلدىكەنسىلە،

  • يۈبودەك1 ئاي ئىلگىرى

    تىرىشسا ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش يوق،لىكىن شارائىت بولمىسا پۈتكۈل تىرىشچانلىق نۆل خالاس، بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ياشاپ ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك نەتىجىسىنى كۆرەلىگەن بىلەن باشقىلار ئوخشىمايدۇ،بىزدە ھەممە شارائىت بار،

  • JoKeR1 ئاي ئىلگىرى

    نىم دە تالاش بوپ كەتتى بۇيەردە …

  • 131******541 ئاي ئىلگىرى

    بىزلەمۇ شۇلاردەك جايدا ياشىساق ئۇلارچىلىكمۇ ياشىيالماسلىقىمىز مۇمكىن

  • باھار1 ئاي ئىلگىرى

    مەمۇرچىلىقنىڭ قەدرىگە يىتىپ ،ياخشىلىق يۇلىدا يۈرمىسە شۇنداق ئاچارچىلىقتا قالىدۇ .تارىختا ئافرىقا قۇدرەتلىك ،باي يۇرت ئىكەندۇق.قانداق قىلغۇلۇق چۆگىلەپ تۇرىدىغان زامانكەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号