باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ئاممىۋىي ئاپتوبۇس ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان بوۋايغا 280 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-29 16:48 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 29-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ تور سىدوۋ شەھىرىدە تۇرىدىغان، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى بولۇپ قالغان 85 ياشلىق بىر بوۋاي ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئارام ئالغانلىقى ئۈچۈن 35 ياۋرو (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 280 يۈەن) جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇلغان، بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. تور سىدوۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت نۆۋەتتە بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تور نامى «DW» بولغان بىرەيلەن تىۋىتتېردا بىر جەرىمانە تالونىنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ ئۇنىڭغا «ساراڭ بولۇپ قالدىڭلارمۇ؟» دېگەن يازمىنى قوشۇپ قويدى. ئەسلىدە بۇ تورداش ھېلىقى بوۋاينىڭ دوستى بولۇپ، بوۋاي دائىم يېقىن ئەتراپقا ئىتىنى ئايلاندۇرغىلى ئېلىپ چىقىدىكەن. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بوۋاي ئىتىنى ئايلاندۇرغىلى چىققاندا ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا 8 مىنۇت ئولتۇرغىنىغا جەرىمانە قويۇلغان. چۈنكى جەرىمانە قويغۇچىلار ئۇنى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش مەقسىتى يوق بولغاندىن كېيىن يولۇچىلار ئولتۇرىدىغان بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرماسلىقى كېرەك دەپ قارىغان.

بۇ شەھەرنىڭ ئايال باياناتچىسى «رېينىسچ پوچتا گېزىتى»دىكىلەرگە (Rheinische Post) چۈشەندۈرۈپ: «شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى پات-پات ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە چارلىغىلى بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالنى تەكشۈرىدۇ. بۇ بوۋاينى ئۇلار تىلەمچى ياكى مەست بولۇپ قالغان ئادەمكەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلانغانلارمۇ بولدى» دېدى.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号