باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

ئېلون ماسك: يەنە بىر دەپ قوياي، مەن دېگەن مارسلىق

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-29 18:30 7 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 29-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا ۋە SpaceX شىركەتلىرىنىڭ CEOسى ئېلون ماسك يېقىندا توردا ئۆزىنىڭ مارسلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، مەلۇم تورداش ماسكنىڭ مارسلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى يوللىغان بولۇپ، ماسك ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «مەن بۇرۇنمۇ ئېيتقان، يەنە دەپ قوياي، مەن دېگەن مارسلىق» دېدى. ئەلۋەتتە ئۇ چاقچاق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. 

بۇلتۇر SpaceXنىڭ راكېتاسى پارتلاپ كەتكەندە بولۇپ، بىر تورداش ئېلون ماسكقا بۇنى تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان، ماسك بولسا يۇمۇرلۇق قىلىپ: «ياق، مەن قىلمىغان» دېگەن. 

ھەممەيلەن بىلىدۇكى، ماسك ئىزچىل تۈردە ئىنسانلارنىڭ مارسنى مۇستەملىكە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە، ئۇنڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى شىركىتى SpaceX بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. 

ماسك بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 68-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتناش يىغىنىدا 2022-يىلى مارسقا ئۈسكۈنە قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئالدى بىلەن قويۇپ بېرىلىدىغىنى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بولۇپ، كېيىنكى ئۇچقۇنى توك كۈچى، كان قېزىش ۋە ھاياتلىقنى قامداش جەھەتتىكى ئۇل-مۇئەسسەسە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئارقىدىن ئىككى ئادەملىك ئۇچار كېمە ۋە ئىككى يۈك تىرانسپورت كېمىسى مارسقا چىقىرىلىپ، مارستا بازا قۇرۇلۇپ، زور تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى مارسقا كۆچۈرۈشكە تەييارلىق كۆرۈلىدۇ. 

ماسك ئىلگىرى يەنە مارستا ئۆلۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • (توك ماشىنا شاھى)تىنىچ دۇنيا1 ئاي ئىلگىرى

    مارىسنى سېغىنغانلار نى تەكلىماكان قۇملىقىغا ئاپپىرىپ تاشلىۋەتسە بولغۇدەك نىمە پەرقى ئىككى يەرنىڭ

  • ئېكىس1 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۋال بى ئايدا ياشاپ باقسۇن !!!!

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى1 ئاي ئىلگىرى

    ماسىك مارىستىن بولسا مەن باشقا بىر يەر شارىدىن ، بۇ يەگە مەن قارا ئۆڭكۈردىن ئۆتۈپ كەلگەن ، مىنىڭ يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى بۇ يەردىن بەش مىليۇن يىل بالدۇر ، بىزنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانمۇ بۇ يەردىكى ئاۋياماتكىدەك با

  • مىليونىر1 ئاي ئىلگىرى

    ئېلون ماسىك غەيرەت قىل، تىسلا ماشىيناڭ يەنە15 يىل ئچىدە يەرشارىنى قاپلايدۇ،

  • ئەزىز يۇرتۇم1 ئاي ئىلگىرى

    ئەھ،بۇمۇ كىتىقەپتۇ كاللىسىدىن ھىھىھى!

  • مەرەز1 ئاي ئىلگىرى

    مەن يەنە بىر قۇياش سىستمىسدىن كەلگەن بۇ ئىنسانلار پىلانىتى بەك كىچكەن

  • mhex1 ئاي ئىلگىرى

    نىمنى ئارزۇ قىلساڭ شۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号