باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

بالىلىرىغا ئېغىرىنى سالماي يالغۇز ياشاۋاتقان 90 ياشلىق موماي

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-29 23:45 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 28-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شەنشى ئۆلكىسى شاڭلو شەھىرى شاڭجۇ رايونى جىنلىڭسى بازىرى شىياۋ كەنتىدە بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەن سۈن جۇۋا ئىسىملىك موماي ياشايدۇ. ئۇ گەرچە ئۆمرىدە باياشات ياشاپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما ناھايىتى قانائەتچانلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ بىر كۈچۈك ھەھراھ. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشلۈك تامىقىنى ئەمدىلا يەپ بولغان سۈن جۇۋا كۈچۈكى بىلەن ھويلىسىدا ئاپتاپقا قاقلانماقتا.

بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەن سۈن جۇۋانىڭ قۇلىقى ئازراق ئېغىرلىشىپ، بىر نەچچە چىشى چۈشكەندىن باشقا ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى. ئۇ تاغنىڭ ھاۋاسى ۋە سۈيى ياخشى بولغاچقا ساغلام ياشاۋاتقانلىقى، ناھايىتى ئاز ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ يولدىشى 30 نەچچە يىل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىككى ئوغلى، بىر قىزى بار. قىزى ياتلىق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىككى ئوغلى ئۇنىڭ قوروسىنىڭ بىر قىسىمىدا ئولتۇردى. ئۇ بالىلىرىنىڭ ناھايىتى ۋاپادارلىقى، لازىمەتلىك نەرسىلەرنى كەم قىلماي ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدا پۇتى بوغۇلغان بولۇپ، كىم بوغقانلىقىنى ئەسلىيەلمەيدۇ.

موماي گەرچە قوروسى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ ئولتۇرىدۇ، بۇنداق بولسا كەيپىياتىمۇ ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

موماي بۇ پەلەمپەيدىن چۈشۈشكىمۇ ئادەتلىنىپ قالدى.

موما ئۆزى تېرىغان ئاق تۇرۇپلارنى يۇلماقتا. ئۇ قىشتا ئاق تۇرۇپ شورپىسى ئىچىشكە ئەڭ ئامراق.

ئۇ باققان ئىت ئۇنىڭدىن ئايرىلماي نەگىلا بارسا ئەگىشىپلا يۈرىدۇ.

ئۇ ئىلگىرى چوشقا باققان، ھازىر يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا توخۇ بېقىۋاتىدۇ.

ئۇ يەنە يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ تېنى ساغلام، بالىلىرى ۋاپادار ئىكەنلىكىنى ئەڭ چوڭ بەختىم دەپ بىلىدىغانلىقى، كېيىن ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغاندا ئوغۇللىرى بىلەن تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايشەم4 ئاي ئىلگىرى

    بېر ئانا ئون بالنې باقالايدۇ ئون بالا بېر ئاننې باقاممايدۇ دەپ راس دەپتېكەن كونلار

  • 29833478434 ئاي ئىلگىرى

    90ياش ،ياخشى ياشاپتۇ،مىنىڭ ئاپامنىڭمۇ ئۆمۈرنى ئۇشۇن قىسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号