باش بەت

جۇشقۇنجان

3499يوللانما
4مەستانە

سامسۇڭ سۈنئىي ئىدراك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن Fluenty شىركىتىنى سېتىۋالدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-30 19:15 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 30-نويابر خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى مەخسۇس پاراڭلىشىش تىپىدىكى سۈنىي ئىدراك تەتقىقات شىركىتى Fluentyنى سېتىۋالدى. بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش كورېيەنىڭ بۇ تېخنىكا ماگناتىنى Fluenty شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئىدراك مۇلازىمىتىنى ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئىدراك سۇپىسى Bixbyدا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئىلگىرىكى ئىزدەش ماگناتى Naver ۋە Fluentyنىڭ پروگراممىرى قۇرغان Fluenty شىركىتىنىڭ بىر قوللىنىشچان پىروگراممىسى بار بولۇپ، ئۇ يېزىقچە جاۋاب قايتۇرالايدىغان ئەڭ ياخشى سۈنئىي ئىدراك سىسىتېمىسىدۇر. 2015-يىلى ئامېرىكىدا، ئۆتكەن يىلى كورېيەدە بازارغا سېلىنغان. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا سامسۇڭ شىركىتى ئىستېمال ئېلېكتىرون كەسپى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى تەتقىقات تۈرىنى بىرلەشتۈردى. سامسۇڭ تەتقىقات ئورنىدىمۇ يېڭى بىر سۈنئىي ئىدراك مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى تېخنىكىنى بازارلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

مەزكۇر شىركەت بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىلا Galaxy S8 يانفونىدا ئۆزىنىڭ مەۋھۇم رېئاللىق ياردەمچىسى Bixbyنى يولغا چىقارغان، گەرچە بۇ شىركەت پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا Bixbyنىڭ ئاۋاز ئىقتىدارىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىقتىداردا يەنىلا يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان، بۇ يېتەرسىزلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىكى بولسا ئۇنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشلىتىش داۋامىدا Bixby ئۆزىنىڭ ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن.

كورېيەنىڭ بۇ تېخنىكا ماگناتىنىڭ نىشانى Bixbyنى يالغۇز ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردىلا ئىشلىتىپ قالماي، بەلكى بارلىق ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇش. سامسۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا بارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە سۈنىي ئىدراك ۋە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارلىرى قوشۇلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号