باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

170 مىڭ يۈەننى ھاجەتخانىنىڭ ئەخلەت چېلىكىدە ساقلىغان ئايال پۇشايماندا قالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-01 16:40 2 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 1-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆيىدە كۆپ پۇل ساقلايدىغانلار بىر ئاماللار بىلەن پۇللىرىنى بىخەتەر جايغا يوشۇرۇپ قويۇشنى ئويلايدۇ. مەسىلەن، بىخەتەرلىك ساندۇقى، تارتما دېگەندەك. بىراق، لياڭ خانىم 170 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ھاجەتخانىسىدىكى ئەخلەت چېلىكىگە يوشۇرۇپ قويدى، بۇنى ئۆي خىزمىتى قىلىشقا ئېلىپ كېلىنگەن ئايال ئەخلەتمىكىن دەپ تاشلىۋەتتى.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى لياڭ خانىم باشقا جايغا بېرىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ئۆزى ئەخلەت ساندۇقىغا يوشۇرۇپ قويغان 170 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى تازىلىق قىلغىلى كەلگەن ئايالنىڭ قورودىكى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. قاتتىق جىددىيلەشكەن لياڭ خانىم قورونىڭ كۆزەتكۈسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن پۇللارنى قورونىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل ئىشچى خۇاڭ ئاكا ئالغانلىقىنى بايقىدى.

شۇنىڭ بىلەن لياڭ خانىم شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدى. بىراق، كۆپ قېتىم كېلىشتۈرۈشنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقتىن يۈەنچېڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى.

سوتتا لياڭ خانىم جاۋابكاردىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىرگە، يەنە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە كۆزەتكۈدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى سوتچىلارغا بەردى. بىراق، خۇاڭ ئاكا ھېچقاچان 170 مىڭ يۈەن ئالمىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. خۇاڭ ئاكىنىڭ بانكا كارتىسىدا دېلو يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل بولغانلىقتىن سوتچىلار بۇ پۇلنى دېلو بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى دەپ دەپ قارىدى. لياڭ خانىم تاشلىۋېتىلگەن ئەخلەتنىڭ 170 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئىكەنلىكى ھەم ئۇنى خۇاڭ ئاكا ئېلىۋالغانلىقىغا ئېنىق دەلىل كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن بۇ دېلو نامۇۋاپىق پايدا ئېلىش ماجىراسى دەپ قارالدى.

سوت مەھكىمىسىدىكىلەر گەرچە لياڭ خانىمنىڭ ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئاغزاكى بايانى ۋە كۆزەتكۈدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈش، شۇنداقلا تامغا بېسىلمىغان يازمىچە ماتېرىيالنىڭ دېلودا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ سوت مەھكىمىسى لياڭ خانىمنىڭ ئەرزىنى قايتۇرۇۋەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەۋەس75 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا دىگەن شۇ دە

  • ئۇلۇغ ئېقىن5 ئاي ئىلگىرى

    قويدىغان يە چىقمىغاندەك شۇنداقمۇ يەگە قويامدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号