باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

خاتا كود سەۋەبلىك رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىدا پارتلاپ كەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-01 18:00 2 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ ھەپتە رۇسىيە شەرق ۋوستوچىنىي پورتى ئالەم قاتناش قويۇپ بېرىش مەيدانىدا Soyuz-2-1b ناملىق راكېتانى ئىشلىتىپ Meteor-M ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھى ۋە 18 دانە كىچىك سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەرگەنىدى، ئەمما Fregatنىڭ ئۈستى ئۈگىسىدە كاشىلا كۆرۈلۈپ بارلىق سۈنئىي ھەمرا ئىككىلەمچى ئوربېتاغا كىرىپ قېلىپ ئاتموسفېرادا كۆيۈپ كەتتى. رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى بىر پىروگرامما خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، Fregat يۆنىلىشنى بەلگىلىيەلمىگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، Fregatنىڭ ئۇچۇشنى كونتروللاش سىستېمىسى يەنىلا بەكنۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ۋوستوچىنىي پورتىدىكى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا توغرا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان. شۇڭا Fregat راكېتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن توغرا يۆنىلىشنى بايقىيالمىغان. ئۇ ماتورنى قوزغىتىپ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربېتاغا كىرگۈزگەن ۋاقىتتا توغرا يۆنىلىشنى ئىزدەشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يەر شارىغا قارىتا سۈنئىي ھەمراھنى ئوربېتاغا كىرگۈزگەن بولۇپ، سۈنئىي ھەمرا ئەجەللىك ئىككىلەمچى ئوربېتاغا كىرىپ قالغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 微笑的死神1 ئاي ئىلگىرى

    يەنىلا ئامىركىغا يەتمەيدۇ ، ھەييي بوپتۇ ئۇرۇسلا غەيرەت قىل

  • نام -ئاتاقلىق يىگىت1 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىت پۇل باكدىن باكا ،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号