باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

بانكىدىكىلەر پۇلنىڭ قېلىنلىقىغا قاراپ بىرەيلەننىڭ ئارتۇق پۇل ئېلىۋالغانلىقىدىن گۇمانلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-01 18:16 10 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 1-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىشىلەر بانكىغا بەك ئىشىنىدۇ، شۇڭا پۇلى كۆپ بولسۇن ياكى تۈگەپ كەتسۇن تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغىنى يەنىلا شۇ بانكا.

بىراق، بىر بانكىدا يۈز بەرگەن ئىش ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىر ئەر بانكا كۆزنىكىگە بېرىپ خادىمغا 35 مىڭ يۈەن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم پۇلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئايرىلدى. ئەمما، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بانكىدىكىلەر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ 10 مىڭ يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئەر پۇلنى كۆپ ئېلىۋالمىدىم دەپ قارىغانلىقتىن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قالدى.

بانكىدىكىلەر پۇلنى ئارتۇق ئېلىۋالدى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن ئۇ ئەر ئامالسىز بانكىدىن ئالغان پۇللىرىنى قايتا ئېلىپ باردى، نەتىجىدە ئۇنىڭ پۇلنى ھەقىقەتەن كۆپ ئېلىۋالمىغانلىقى بايقالدى. بىراق، بانكا خادىملىرى بانكا كۆزەتكۈسىدىن ئۇ ئەرنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ قېلىنلىقىدا مەسىلە بارلىقى، چوقۇم 10 مىڭ يۈەن ئارتۇق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى.

ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەندىن كېيىن ساقچى چاقىرىلدى. ئاخىرىدا، بانكىنىڭ خاتا قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھرۇخان1 ئاي ئىلگىرى

    بىزگە كام بېرىپ قويسا ئىگە بولمايدۇ ئوزى چىقارغان قائىدىگە ئوزى بولالمايدىغان.قانداق بانكا بۇ؟مەسۇلىيەتسىز.

  • توغراق،شاھى1 ئاي ئىلگىرى

    گومان قىلىپ ئوشوق ئېلىۋالدى دەپمو قايتا چاقىرامدو ئا بانكىچىنىڭ كاللىستا بىر تاسقام بار .ياكى ئاخشام جىقراق ئېچىپ قويوپتو.

  • kanji1 ئاي ئىلگىرى

    ئارتۇق بىرۋىتەمىش ،بەش موچەننى ئارتۇق بەمەيدۇ ئ‍ون مىڭ دەيدۇ تېخى ،پۇل ساناش ماشنسدا نەچچە قېتىم ساناپ ،قولدا نەچچە قېتىم ساناپ ئاندىن بىردىغان تۇرسا

  • سەرۋى1 ئاي ئىلگىرى

    قانداق دىگەن مەسئۇليەتسىز بانكا ئۇ ،

  • خىيالچان بەگزادە1 ئاي ئىلگىرى

    بانكىنى ئەرىز قىلش كىرەك،،، ئۇ كىشى پۇلنى قەستەن خاتا ئېلۋالمىغان تۇرسا،،، بەكلا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ بۇ

  • نۇرۇم غۇنچە1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنىڭدەك ئەھۋالدا روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشقا بولارمۇ

  • Amirdiyab1 ئاي ئىلگىرى

    ئۈزى خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلمەي باشقلارغا ئاتسا قاملشامدۇ

  • باشئەگىم ئوغلى11 ئاي ئىلگىرى

    قىشلىق چاپىنىنى كىيۋاپتى كەندە ئۇ پۇل ھەي پۇل

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى1 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق بانكا خادىمىنىڭ قۇڭىغا تېپىش كىرەك

  • ئۈژمە كۆڭۈل1 ئاي ئىلگىرى

    قاملاشمىغان بۇنداق ئىقتدارسىز بانكا خادىمىنى ئىشتىن بوشىتىش كېرەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号