باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇخلاپ باقمىغان كۈچتۈڭگۈر ئايال

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-01 22:00 28 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 1-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لى جەنيىڭ خېنەن ئۆلكىسى جوڭمو ناھىيەسى لاۋجاڭ كەنتىدە تۇرىدۇ. بىراق، سىرتىدىن قارىماققا تولىمۇ ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان بۇ دېھقان ئايال 6-5 يېشىدىن ھازىرغىچە بولغان 40 نەچچە يىل جەريانىدا ئۇخلاپ باقمىغانلىقى، ھەتتا مۈگدەپمۇ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

لى جەنيىڭ كېچىدە ئۇخلىمىسا ھېچنېمە بولمايدۇ، لېكىن ئادەتتىكى نورمال كىشىلەر بىر كۈن ئۇخلىمىسا بىر قانچە كۈنگىچە بىئارام يۈرۈيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ كېچىلىرى يالغۇز قالغاندا نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ دېھقان بولغان ئادەم يەنە نېمە ئىش قىلالايتتى؟ تۈگىمەس ئېتىز-ئېتىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ-دە. قوشنىلىرى ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز 5 ئادەمنىڭ ئىشنى قىلالايدىغانلىقى، كۈچىنىڭمۇ ناھايىتى زورلۇقىنى ئېيتتى. بىر قوشنىسى: «بىزنىڭ ئائىلىدە 4 ئەمگەك كۈچى بىرلىشىپ 15 مو يەر تېرىيمىز. ئۇ ئۆزى يالغۇز 20 نەچچە مو يەر تېرىدى، نېمىلا ئىش قىلسا ئۆزى يالغۇز پۈتتۈرۈۋېتىدۇ» دېدى. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇخلىمىغان لى جەنيىڭنىڭ زادى قانچىلىك كۈچى بار؟ تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق لى جەنيىڭنىڭ ئەرلەرمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان ياغاچلارنى قىينالمايلا كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ۋە ناھايىتى يەڭگىل قەدەملەر بىلەن توشۇيالايدىغانلىقى بايقالدى.

جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ پىروفېسسورى شۈ دوختۇر ئۇيقۇسىزلىقنىڭ %80ىنىڭ ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم لى جەنيىڭنى تەكشۈرۈپ باققاندىن كېيىن ھەيران قالارلىق ھالدا ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭدىن باشقا، لى جەنيىڭنىڭ 48 سائەت جەريانىدىكى ئىش-پائالىيىتى كامېراغا ئېلىندى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا كۆزىنى يۇمغان ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئاشمايدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • AA22AA1 ئاي ئىلگىرى

    بىمەنە گەپ قىلىدىكەنيا بۇلا ئەينا

  • نۇسرەت1 ئاي ئىلگىرى

    يالغان ھە دەپ قويساق بولدى

  • @يىگانە@1 ئاي ئىلگىرى

    40نەچچە يىل ئۇخلىمىدى دىگەنگە مەن ئىشەنمەيمەن،
    بۇ ئايالنىڭ ئىش ئىزلىرنى ئارانلا24سائەت سىنغا ئاپتۇ،بۇنچە ئۇزۇن ئۇخلىمغان ئايالنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر ھەپتە سىنغا ئالسا ئاندىن بولمامدۇ؟

  • kusan1 ئاي ئىلگىرى

    ئوجون ساراڭمىتا , ررررررر

  • 我梦想。。。1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئايالمۇ شۇنداق لايىھىلىنىپ قالغان چېغۋا!؛؛يالغان ئەمەستۇ ؟ بەلكىم.لېكىن ئاڭلىغانچە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.قانداق قىلسام بولار ، ئىشەنسەم بولارمۇ يا؟

  • 我梦想。。。1 ئاي ئىلگىرى

    خاسىيەتلىك ئادەم مۇشۇمۇ يا؟

  • ئونسو جام 91 ئاي ئىلگىرى

    يالغان مومكىن بولمايدغان ئىش 4كون ئەمەس 40يىل ئوغلىمىدى دسە كىم ئشنە بو گەپكە

  • مەۋھۈم1 ئاي ئىلگىرى

    يالغان دەيدئكەنسىلە نۇرتورى يالغان خەۋەر نى تەرجىمە قىلارما ئسپاتلاپتىغۇ ئاينا ھەم كامىرادا نەچچە كۈن كۈزىتىپتۇ

  • چوغلۇق1 ئاي ئىلگىرى

    بەرداشلىق بېرىش كۈچى بىلەن بۇخىل ئۇيقۇسىزلىق ئىككى ئىش،بۇ ئايالنىڭ مېڭىسى داۋاملىق قوزغىلىش ھالىتىدىكە،شۇڭا ئۇخلىمايدۇ ھەم سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ

  • چالىقۇشى1 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم ئۇخلىمىسا ئاران يەتتە كۈن ھايات كەچۈرىدۇ دېگەنتىغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号