باش بەت

del103

2599يوللانما
43مەستانە

«بىر ھەرىپى يۈز مىليونلۇق» ئەڭ قىممەت ئون دانە تور نامىغا نەزەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-02 14:40 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىنتېرنېت دەۋرىدە ھەر قانداق بىر كارخانا، تور بېكەت ۋە ياكى ماركا ئۈچۈن ئېيتقاندا، تور نامى (ياكى تور ئادرېسى) ئەڭ مۇھىم بايلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇۋاپىق تور نامى خېرىدار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېسىدە ئاسانراق قالىدۇ، بۇ شىركەت تور بېتى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەيلى تېخنىكا ساھەسىدە ياكى باشقا ساھەلەردە بولسۇن، پۈتۈشۈش باھاسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان تور نامى ئىلىم-بىرىم سودىلىرى ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندە بىر قەدەر تىپىك بولغان ئون تور نامىغا قاراپ باقايلى.

Fund.com دېگەن بۇ تور نامىنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى 10 مىليون دوللار. ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغاندەك، بۇ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە ناھايىتى ماس كېلىدىغان تور نامى. Fund.com دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت 2008-يىلى 10 مىليون دوللار نەق پۇل چىقىرىپ بۇ تور نامىنى سېتىۋالغان. ھازىر بۇ شىركەت تاقىلىپ قالغان بولۇپ، تور نامىنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان.

يەنە بىرى we.com، بۇ تور نامى 2015-يىلى جۇڭگودىكى مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رېنرېندەي شىركىتى تەرىپىدىن سەككىز مىليون دوللارغا سېتىۋېلىنغان، بۇرۇنقى ئىگىسى ئېرف تىم بۇ تور نامىنى توققۇز يىل قولىدا تۇتۇپ تۇرغان.

Diamond.com تور نامى 2006-يىلى يەتتە مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىلدى. Diamond سۆزى ئۈنچە-مەرۋايىت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تور نامىنى سېتىۋالغۇچى Ice.com دېگەن توردا ئۈنچە-مەرۋايىت پارچە سېتىش شىركىتى.

ياپونىيە نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى Z.com تور نامى 2014-يىلى 11-ئايدا ئالتە مىليون 780 مىڭ دوللارغا ياپونىيەدىكى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى شىركىتى GMO Internetگە سېتىپ بېرىلدى. ھازىر Z.comگە ئوخشاش مۇشۇنداق تاق ھەرىپلىك com. تور نامىدىن پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئۈچىلا بار.

2009-يىلى، Toys R Us ئويۇنچۇق شىركىتى بەش مىليون 100 مىڭ دوللارغا Toys.com تور نامى (Toy دېگەن ئىنگىلىزچە ئويۇنچۇق دېگەن مەنىدە) نى سېتىۋالدى. بۇ تور نامىنىڭ بۇرۇنقى ئىگىسى ۋەيران بولغاندىن كىيىن تور نامىنى بىر مىليون 250 مىڭ دوللار باھا بىلەن كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغان.

Whisky.com دېگەن بۇ تور نامى 2014-يىلى 3-ئايدا ئۈچ مىليون 100 مىڭ دوللارغا سېتىلدى. ئەسلى ئىگىسى ھىچقانچە پۇل خەجلىمەيلا «ۋىسكىي» دېگەن بۇ تور نامىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان، ئەسلىدە ئۇ شوتلاندىيە ۋىسكىيسىنى ئىچىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ھازىر بۇ تور نامى ۋىسكىي ھارىقىغا ئائىت بىر مۇنبەر تىپىدىكى تور بېكەت بولۇپ ئېچىلدى.

«ۋىسكىي» پۇلغا يارىغان ئىكەن، «ۋوتكا»مۇ ئەلۋەتتە پۇلغا يارايدۇ. 2006-يىلى رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ۋوتكا ھارىقى ئىشلەپچىقارغۇچى Russian Standard شىركىتى ئۈچ مىليون دوللارغا Vodka.com دېگەن تور نامىنى سېتىۋالدى.

ھاراققا ئائىت تور نامىدىن كىيىن ئەمدى نۆۋەت تاتلىق-تۈرۈمگە كەلدى. Candy.com تور نامى 2009-يىلى «تور نام شاھى» دەپ تەرىپلەنگەن Rick Schwartz تەرىپىدىن ئۈچ مىليون دوللارغا G&J Holdings شىركىتىگە سېتىپ بېرىلدى. بۇ بىر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن قەنت-گېزەك كارخانىسى.

CreditCards.com دېگەن تور نامىغا قاراپلا ئۇنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىغا ئائىت تور بەت قۇرۇشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ تور نامى 2004-يىلى ئىككى مىليون 750 مىڭ دوللار باھادا تور پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتىنى چىقارغان ClickSuccess تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى، بۇ سودىنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى ئەينى ۋاقىتتىكى تور نام سودىسى تارىخىدا رېكورت ياراتقان.

دۆلىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئەڭ قىممەت تور نام سودىسى يەنىلا ئەقلىيفون ساھەسىدىن چىقتى. 2014-يىلى لېي جۈن ئۈچ مىليون 600 مىڭ دوللار چىقىرىپ ھازىرقى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق mi.com تور نامىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تور نامى ھازىر شىياۋمى تور شەھەرچىسى ئورگان بېتىگە ئايلاندى.


ئەمەلىيەتتە يالغۇز شىياۋمىلا ئەمەس. ئەقلىيفون چەمبىرىكىگە قارايدىغان بولساق، لو يوڭخاۋمۇ بولقا (锤子) يانفونى ئۈچۈن tt.t دېگەن بۇ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تور نامىنى سېتىۋالغان. ئەمما مەيلى ئەسلى ئىگىسى ياكى لو يوڭخاۋ بولسۇن، بۇ تور نامىنىڭ پۈتۈشۈش باھاسىنى ھازىرغىچە سىرتقا ئاشكارىلىمىدى، ئىشىنىمىزكى بۇ تور نامىمۇ ئەرزان ئەمەس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاپلېسىن رەڭ5 ئاي ئىلگىرى

    بولقا تورنامى شاۋمى شىركىتىنىڭ mi.تورنامىدەق چىقىپتۇ

  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى5 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭمۇ ئامماس توۋا

  • ئۈنسىزunsiz-yigaيىغا5 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىدىكى تەھرىرلەر بولسا مۇشۇ سەبىيلەرنى ئىزدەش توغرىسىدىكى تەشۋىق فىلىملەرنىمۇ كۈندە ئاز ئازدىن يوللاپ تۇرغان بولساڭلار بولاتتى ھازىر نۇردا مۇشۇ مەزمۇن يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号