باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

سىچۈەندە ناھايىتى ساغلام ئوغۇل بوۋاقتىن بىرى تاشلىۋېتىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-03 13:37 6 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 3-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ شەھىرى پېڭشى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى سەنفېڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ سەنفېڭ بازىرى تەيشۈن كەنتى 5-گۇرۇپپىسىدىن ئۆتىدىغان 314-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇلغانلىقى، يېنىغا بىر خالتا زاكا قويۇپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى بوۋاقنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. نۆۋەتتە، ساقچىلار بوۋاقنى بازاردىكى بىر دېھقاننىڭ ۋاقتىنچە قاراپ بېرىشىگە تاپشۇردى. ساقچىلار بوۋاقنىڭ يېنىدىن سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق نەرسە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى توپلىماقتا.

ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 19لاردا بىر دېھقان دۆلەت تاشيولى بويىدىن بىر تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنى تېپىۋالغان بولۇپ، ئۇلار نەق مەيدانغا بارغاندا ئەمدىلا 40 كۈنلۈك بولغان ئوغۇل بوۋاق چىرايلىرى تاتارغان ھالدا ياتاتتى. ئارقىدىن، ئۇلار بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ دەرھال 120گە تېلېفون قىلدى. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن دوختۇر بوۋاقنى تەكشۈرۈپ بېقپ ئۇنىڭ ناھايىتى ساغلاملىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن بوۋاق بىر دېھقاننىڭ قاراپ تۇرۇشىغا تاپشۇرۇلدى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ بىر ئاق دالا ئاپتوموبىلى يول بويىدا توختىغاندىن كېيىن بىر ئەر چۈشۈپ بىر نەرسىنى تاشلىغانلىقىنى كۆرگەنلىكى، ئارىلىق يىراق بولغاچقا ئۇنىڭ بوۋاق ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ساقچىلار ياشانغان، يېشى كىچىك، كېسەل ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى يوقلارنى بېقىشنى رەت قىلغانلارنىڭ تاشلىۋېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، 5 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 中国人1 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىقىۋالاي ياردەم قىلڭلا ئالاقىلش ئادرسننى قانداق تاپقىنى بولا

  • 中国人1 ئاي ئىلگىرى

    ياردەم قىلساڭلا ياردەم قىلڭلا مەن بىكىۋالاي

  • مەھلىيا6211 ئاي ئىلگىرى

    بايا بىر سەرگەردان ئىتنىڭ بىر بۇۋاقنى قۇينىغا سىلىپ ئىسسىتقانلىقنى ئۇقۇغانتىم، ئىت بىر ھايۋان جىنىدا ئىنسان بالىسىغا ئانىلىق مىھرىنى بىرىپتۇ، ماۋۇ بىر قىسىم ئادەملەر بالىسىنى تاشلىۋىتىپتۇ، ھەي، ھەنىم بۇلسا بالىسىنى ئۇلتۇرۋەتمەپتۇ ياخشى.… ھەي نىمە دىگۈلۈك؟

  • ug cg1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دىگەن بىر مەدەنىيەت تۇرسا

  • گۈزەل تاش1 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق باغرى تاشتۇ بۇلارنىڭ ،،،،

  • 吾麦尔1 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىت جىنىم بالام سوغۇقتا قانچىلىك تۇرغانسەن ماڭا بەرسەچۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号