باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

بانكىدىن 1600 يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغان ئايال قايتۇرۇشنى رەت قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-03 15:07 7 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، بىر ئايال بانكىدىن 22 مىڭ 400 يۈەن ئالماقچى بولغاندا بانكا خادىمى ئۇنىڭغا 24 مىڭ يۈەن ئېلىپ بەردى. بىراق، ئايال بانكىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تېلېفون قىلىپ ئارتۇق ئېلىۋالغان 1600 يۈەننى قايتۇرۇشنى، ماسلىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئايال: «<پۇلنى پۇكەيدە ساناپ ئالىمىز، پۇكەيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خاتالىق چىقسا مەسئۇل بولمايمىز> دېگەن قائىدىنى ئۆزۈڭلار چىقارغان. ھازىر سىلەر كۆپ بېرىپ قويۇپتىمىز دەيسىلەر. مەن تېخى سىلەرنىڭ ئاز بېرىپ قويغانلىقىڭلاردىن گۇمانلىنىۋاتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بانكىدىكىلەر بۇ ئايالنى سوتقا ئەرز قىلدى.

بانكا تەمىنلىگەن كۆزەتكۈ كۆرۈنۈشىدىن ئۇ ئايالنىڭ ھەقىقەتەن 1600 يۈەننى ئارتۇق ئېلىۋالغانلىقى، بانكا خادىمىنىڭ 24 مىڭ يۈەننى 22 مىڭ 400 يۈەن دەپ ھېسابلىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇ ئايال پۇلنى ئالغاندا سانىمايلا سومكىسىغا سالغان بولۇپ، بۇ ئىشتا ھېچقانداق خاتالىقىم يوق دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىدىكىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولغاندا بۇ ئىشقا بانكا خادىمى مەسئۇل بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى خېرىدارغا ئارتىپ قويماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئادۋوكات بانكىدىكىلەر چىقارغان قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ خېرىدارلارغا ئالغان پۇلنى نەق مەيداندا سانىۋېلىشنى ئەسكەرتىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا، بانكىدىن ئالغان پۇل ئاز بولۇپ قالسا بانكا مەسئۇل بولمىسا، كۆپ بولۇپ قالسا خېرىدار مەسئۇل بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئادۋوكات يەنە: «بانكىدىكىلەر زومىگەرلەرچە چىقارغان قائىدىنى مەيلى قانۇن نۇقتىسىدىن ئويلايلى، مەيلى پۇقرالار نۇقتىسىدىن ئويلايلى ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس. بىز بۇ قائىدىنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى. ئاخىرىدا، بۇ ئايال 1600 يۈەننى قايتۇرۇپ بەردى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بايشەم4 ئاي ئىلگىرى

    قانۇن ناھايتې ئادېل باڭكېدېكېلەرمۇ خاتا ھېساپلاپ سالېدۇ ھېساۋاتتا خاتالېق بولسا بۇ تەبېي ئەھۋال ئارتۇق چۇشكەن پۇلنې چوقوم قايتۇرۇش كېرەك

  • ئېرپوت4 ئاي ئىلگىرى

    بۈگۈن مەنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقتۇم، بۈگۈن ئەتتىگەن بانكىغا بېرىپ كارتامغا پۇل سالغان ھازىر بانكىدىكىلەر 4500 يۇئەننى ئارتۇق سەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ تېلفۇن قىپتۇ.

  • مەخپى4 ئاي ئىلگىرى

    بانكىغا ئېغىر جەرىمانە قويۇش كېرەك.ۋۇ.شەرەپسىزلەر.

  • بانكا_ھازىرقى زاماندىكى شەكلى ئۆزگەرگەن بۇلاڭچىلىق تەشكىلاتى4 ئاي ئىلگىرى

    بانكا_ھازىرقى زاماندىكى شەكلى ئۆزگەرگەن بۇلاڭچىلىق تەشكىلاتى دەپ ئاڭلىغان بىر كىنودىكى دىئالوگدا

  • يۇلۇچى09034 ئاي ئىلگىرى

    ئىنق چۈشۈنىشلۈك يوللىمامسىلە بىشې بار ئاخىرى يوق

  • 29833478434 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئايال ئۇرۇنلۇق قائىدە سۆزلەپتۇ ،

  • ئۇيقۇت4 ئاي ئىلگىرى

    ئاخىرنى تۈزۈك يولىماي قانۇن قايتۇرۇپ بىرىشنى ئىيتىمۇ ياكى ئۇ ئايال ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتۇرۇپ بەردىمۇ چۇشەنمەيلام قالدىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号