باش بەت

كىنوچى

3891يوللانما
215مەستانە

دۇنيادىكى مۇشتى ئەڭ كۈچلۈك 10 ھەرىكەتلىك كىنو چولپىنى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-12-03 19:00 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

10. ۋۇ جىڭ 

ئۇ 1989-يىلى بېيجىڭ شەھىرى چامباشچىلىق ئەترىتىگە كىرگەن. 1994-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە نەيزىۋازلىق ۋە چامباشچىلىق تۈرىدە چېمپىيون بولغان، ئۇستازىنىڭ ئىسمى ۋۇ شەن. 1995-يىلى «گۇمپىچى سولتەكنىڭ مۇھەببەت ئۆتكىلىدىن ئۆتىشى 功夫小子闯情关» دا رول ئالغان، شۇنىڭ بىلەن كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان. 2017-يىلى ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە ئۆزى باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم «جەڭ بۆرىسى 2» 5 مىليارد 600 مىليون يۈەن بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، جۇڭگونىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

9. جېن زىدەن

1982-يىلى بېيجىڭدىن چامباشچىلىق ئۆگىنىپ بولۇپ ئامېرىكىغا قايتقان ھەمدە شۇ يىللىق ئامېرىكا چامباشچىلىق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. 2017-يىلى 6-ئايدا، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە ئىلىم پەن ئىنىستىتۇتى جېن زىدەننىڭ «2017-يىللىق ئوسكار» يېڭى ئەزاسى بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. 

8. جەيسىن سىتاسام

21-ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ئارتىسىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئوبرازى چوڭ ئېكراندىكى ساغلام بەدىنى بىلەنلا نامايەن بولۇپ قالماي، يەنە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن رېتىملىق، كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق «بەدەن چېنىقتۇرغۇچى».

7. «گىگانت تاش» دىۋايىن جونسون

دادىسى بىلەن بوۋىسى دۇنيا كەسپىي چېلىشىش ساھەسىدىكى داڭدار كىشىلەر. جونسون تەنتەربىيە ساھەسىدىن كىنو ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن، قورام تاشتەك مۇسكۇلىغا، 2 مېتىرغا يېقىن ئېگىز بويىغا تايىنىپ، ناھايىتى تېزلا ھوللىۋودتا باش كۆتۈرۈپ چىققان. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن كۈندە يەتتە ۋاق تاماق يەيدىغان جىگەرلىك ئەزىمەت جونسوننىڭ، مۇسكۇللىرى ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان.

6. ۋان دام

1960-يىلى بېلگىيەنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئىلگىرى ياۋروپا كەسپىي قۇرۇق قول ئېلىشىش گۇمپىسى جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە چېمپىيون بولغان، كۆپ قېتىم مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى ۋە «بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش چېمپىيونى».

5. تونى جيا

تايلاند ئارتىسى، 10 ياشتىن باشلاپلا تايلاند گۇمپىسى ئۆگىنىشكە باشلىغان، 11 يېشىدا چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ چېڭلوڭغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ھەركۈنى ئۈزۈلدۈرمەي گۇمپا مەشىق قىلغان. 1994-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى رول ئالغان فىلىمى «تەڭداشسىز قاتىل» غا تايىنىپ تاماشا چەمبىرىكىگە كىرگەن. 2007-يىلى، جۇڭگو گۇمپىسى. يەر شارى مۇراسىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھەرىكەتلىك فىلىم ئەر ئارتىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

4. لى ليەنجيې

1971-يىلى بېيجىڭ شېنشاخەي تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن چامباشچىلىق تەنھەرىكەت ھاياتىنى باشلىغان. 12 يېشىدا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چامباشچىلىق ئومۇمىي ماھارەت چېمپىيونى بولغان. «جۇڭخۇا چامباشچىلىقى» 30 يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، «جۇڭخۇا چامباشچىلىقى 30 يىللىق ئەڭ چوڭ چامباشچىلىق تەسىرىگە ئىگە شەخس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

3. سىتايلون

ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق بىر ئەۋلاد ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنىغا ئايلاندى، 1977-يىلى «روككى» فىلىمىغا تايىنىپ 49-نۆۋەتلىك ئوسكار ۋە 34-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش پېرسوناژ ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر سىنارىست مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2. شىۋاسېنگىر

ئۇ جامېس كامېروننىڭ «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» سى، شۇنداقلا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىلللىرىدىكى ھەرىكەتلىك فىلىم چولپانلىرىنىڭ ۋەكىلى.

1. لى شياۋلوڭ

دۇنيا چامباشچىلىق يولىنىڭ ئىسلاھات باشلامچىسى، چامباشلىق مۇتەخەسسىسى، جانبازلىق پەيلاسوپى، MMA ئاتىسى، چامباشچىلىق پېشۋاسى، گۇمپا فىلىملىرى باشلامچىسى ۋە كەسمە مۇشتۋازلىقنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى. ئامېرىكا قۇرۇق قول ئېلىشىش گۇمپىسى ئېغىرلىق دەرىجىلىك چېمپىيونى Jim Kell ئىلگىرى لى شياۋلوڭنى ئۆزى كۆرۈپ باققان ھەرقانداق چامباشچىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە لى شياۋلوڭ بىلەن بىللە مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقىنىڭ ھاياتىدىكى بىر چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Danyal4 ئاي ئىلگىرى

    بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن كۈندە يەتتە ۋاخ تاماق يەيدۇ دەيدىغۇ نىم گەپ بوپ كەتتى بۇ ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号