باش بەت

نۇر تورى*ئېلان

59يوللانما
61مەستانە

ئەلنۇرى ئىچكىرى بازارلارغا چوڭ قەدم تاشلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-04 13:25 0 ئىنكاس چۈشتى

ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇشنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىپ، ساغلاملىقنى دورىدىن ئەمەس، تەبىئىي يېمەكلىكتىن ئىزدەش شوئارى ئاستىدا پائال ئىزدىنىپ، ئېكىلوگىيىلىك يېزا–ئىگىلىك ساھەسىدىكى كوزۇر ماركىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، يېشىل، ئورگانىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ يارىتىپ، ساغلاملىقنىڭ ئەلچىسى بولۇش ئۈچۈن تىنىمسىز يېڭىلىق يارىتىۋاتقان شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا-ئىگىلىك پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى «ئەلنۇرى» ماركىسىدىكى سۈپەتلىك، يېشىل، ئورگانىك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى بازارلارغا يۈزلەندۈرۈش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق كارخانىلىرىمىزنىڭ بىرى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، مەملىكىتىمىز شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىياتقا دادىل يۈزلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى سىياسەتلەر قەلىبلەرنى ئىللىتىپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بەختكە ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقان پەيتلەردە، بۇ شىركەت شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى ئاستىدا تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى ئىستىماللىق شەھەرلەرگە كېڭەيتىپ، ئەلنۇرى ماركىسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئۆيلەرگە كىرگۈزۈشنى تەرەققىيات نىشانى قىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ كەلمەكتە.

  

يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئون شەھەردە يۈز دۇكان» قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي كارخانىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە بازار ئېچىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ، ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ۋە يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا–ئىگىلىك پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە بىر قېتىملىق غەلىبە خۇشخەۋىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلدى.

ئۇ بولسىمۇ، 2016-يىلى 6-ئايدا بېيجىڭدا قۇرۇلۇپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، مەملىكەت مىقياسىدا 600دىن ئارتۇق سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلغان، جۇڭگودىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئورگانىك مەھسۇلات ماركىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭرى ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى يېڭىچە پارچە سېتىش شەكلىنى ئالغان زەنجىرسىمان سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ يۇقىرى ئىستىماللىق ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى پەقەت بىرلا مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ئىزدەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان داڭلىق كۆپ مەنبەلىك گوروھ شىركىتى بېيجىڭ مېڭگې پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن يۇقىرى سوممىلىق ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، دىيارىمىز يېزا–ئىگىلىك ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق گوروھلار بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىيالماسلىقىدەك تارىخىغا خاتىمە بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا–ئىگىلىك پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىردىنبىر مىللىي كارخانا بولۇپ، بۇ قېتىمقى توختام ئىجرا باسقۇچىغا كىرىپ، مەھسۇلات ئومۇميۈزلۈك مېڭگې گوروھى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تەسىس قىلغان زەنجىرسىمان سېتىش نۇقتىلىرىغا سېلىنىشقا باشلىغاندا، ئەلنۇرى ماركسىدىكى يېشىل، ئورگانىك مەھسۇلاتلارمۇ مەملىكىتىمىزدىكى يۇقىرى ئىستىماللىق شەھەرلەرگە بىرلا ۋاقىتتا يۈزلىنىپ، شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بەشتىن خالىي يېشىل، ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى بىلەن ئەلگە تونۇلغان شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا–ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يېڭى دەۋردە يېڭىچە ئىزدىنىپ، بۇ قېتىملىق توختام ئارقىلىق تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېرىشىپ، ئاۋامنىڭ مايىللىقى ۋە قايىللىقىنى قوزغاپ، تەرەققىيات مېۋىسىدىن بەھرلەنگۈچىلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، دىيارىمىز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق، ھەقىقىي ئىسمى–جىسمىغا لايىق ئەلنىڭ نۇرىغا ئايلانغۇسى !



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号