باش بەت

كىنوچى

3902يوللانما
216مەستانە

جۇڭگو چامباشچىلىق كىنو ساھەسىدىكى چولپانلار رەت-تەرتىپى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-04 19:09 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8. يۈ روڭگۇاڭ

1958-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئەتكارى يۈ مىڭكۈينىڭ ئوغلى. 11 يېشىدا بېيجىڭ شەھەرلىك فېڭلېي جىڭجۈ تىياتىر ئۆمىكىگە كىرىپ جىڭجۈ ۋە چامباشچىلىق ئۆگىنىشكە باشلىغان، ئۇ ھازىرغىچە 80دىن ئارتۇق كىنو، 40دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان، «چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قاتتىق ئېقىمدىكى يىگىتلەرنىڭ يولىنى ئاچقان». شياڭگاڭ فىلىملىرىدا، ئۇ ئىزچىل قارا گۇرۇھ ئاتامانلىرىنىڭ رولىنى ئالسا، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىزچىل قەيسەرلىكنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن.

7. لىن جېڭيىڭ

1963-يىلى يولۋاسخان شياڭگاڭ چۈنچيۇ تىياتىر ئىنستىتۇتىنى قۇرغان فېن جۈخۇا ئۇستازغا ئەگىشىپ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1969-يىلى، 17 ياشلىق لىن جېڭيىڭ كىنو ساھەسىگە كىرىپ، چامباشچى بولۇشقا باشلىغان، ئارقىدىنلا خەن يىڭجيې بىلەن بىرگە لى شياۋلوڭنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىگە ئايلانغان. 1971-يىلى (唐山大兄) فىلىمىگە قاتناشقان، ھەمدە چامباشچىلىق يېتەكچىسى بولغان. لى شياۋلوڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ خوڭ جەمەتى سىنىپىغا قوشۇلغان، ھەمدە مۇردا فىلىملىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، ئۇ رول ئالغان مۇردا فىلىملىرى مەڭگۈلۈك كلاسسىك ئەسەرلەرگە ئايلانغان، لېكىن 1997-يىلى ئۇ جىگەر راكى تۈپەيلى بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مۇردا فىلىملىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرىمۇ كەلمەسكە كەتكەن.

6. جاۋ ۋېنجو

1972-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى خاربېن شەھىرىدىكى چامباشچىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئارتىس، چامباشچى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا چامباشچىلىق ئۆگەنگەن، 1990-يىلى بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ چامباشچىلىق فاكۇلتېتىغا كىرگەن، كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان. ئۇ 1992-يىلى كىنو ساھەسىگە كىرگەن، ھەمدە كېلىشكەن قامىتى ۋە ھەقىقىي گۇمپىسىغا تايىنىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

5. ۋۇ جىڭ

1974-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، 6 يېشىدىن باشلاپ بېيجىڭ شېنشاخەي تەنتەربىيە مەكتىپىدە چامباشچىلىق ئۆگىنىشكە باشلىغان، 1989-يىلى بېيجىڭ شەھىرى چامباشچىلىق ئەترىتىگە كىرىپ، كەسپىي مەشىق ئېلىپ بارغان. كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىلىرىنىڭ نەيزىۋازلىق ۋە چامباشچىلىق تۈرىدە چېمپىيون بولغان، ئۇستازىنىڭ ئىسمى ۋۇ شەن. ئۇنىڭ چامباشچىلىق ماھارىتى يامان ئەمەس، ھازىرغىچە ئۇ نۇرغۇن ھەرىكەتلىك فىلىملارغا قاتناشتى، گۇمپىچى سولتەكتىن گۇمپا چولپىنىغىچە، ھەتتا گۇمپا فىلىمى رېژىسسورىغىچە، ۋۇ جىڭ ناھايىتى كۆپ سالاھىيەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، لى ليەنجيېنىڭ ھەم ساۋاق ئىنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بارا-بارا لى ليەنجيېگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىشتىن بوشاشمىغان.

4. جېن زىدەن

1963-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇاڭدوڭدىكى بىر چامباشچىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2 يېشىدا شياڭگاڭغا كۆچۈپ بارغان، 11 يېشىدا ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتى بوستون شەھىرىگە كۆچمەن بولۇپ بارغان، كىچىكىدىن باشلاپلا ئاپىسىنىڭ چامباشچىلىق سارىيىدا چوڭ بولغان، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ گۇمپا فىلىملىرىگە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئەنئەنىۋىي ۋە زامانىۋىي چامباشچىلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، ھەمدە تەيجى گۇمپىسى ئۆگىنىپ، چامباشچىلىقنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشكە باشلىغان.

1978-يىلى، ئۇ لى شياۋلوڭنىڭ تەسىرىدە ئەركىن ئېلىشىشنى ئۆگەنمەكچى بولغان، لېكىن ئاپىسى بۇنىڭغا ئۇستا بولمىغاچقا، ئۇ بېيجىڭ شېنشاخەي تەنتەربىيە مەكتىپىگە بېرىپ 2 يىل مەشىق قىلغان. 1982-يىلى ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان.

3. چېڭلوڭ

1971-يىلى چامباشچى سالاھىيىتىدە كىنو ساھەسىگە كىرگەن، 1995-يىلى فىلىم «خوڭفەن رايونى» غا تايىنىپ ھوللىۋودقا بۆسۈپ كىرگەن. 2012-يىلى ئامېرىكا «نيۇيورك گېزىتى» تەرىپىدىن تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ 20 ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. 2016-يىلى چېڭلوڭ ئوسكار ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. چېڭلوڭ، جوۋ رۈنفا ۋە جوۋ شىڭچى شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى «قوش جوۋ بىر چېڭ» دەپ ئاتالغان. ئۇ قىزىقارلىق ئۇسلۇبلار قوشۇلغان ھەرىكەتلىك فىلىملەرگە ماھىر، ھازىرغىچە، ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەرنىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 20 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

2. لى ليەنجيې

1971-يىلى بېيجىڭ شېنشاخەي تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرىپ، چامباشچىلىق تەنھەرىكەت ھاياتىنى باشلىغان. 12 يېشىدا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چامباشچىلىق ئومۇمىي ماھارەت چېمپىيونى بولغان. 2013-يىلى «جۇڭخۇا چامباشچىلىقى» 30 يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، «جۇڭخۇا چامباشچىلىقىدىكى 30 يىللىق ئەڭ چوڭ چامباشچىلىق تەسىرىگە ئىگە شەخس مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ جۇڭگو چامباشچىلىق فىلىملىرىدىكى ۋەكىل خارەكتېرلىڭ شەخس، مەيلى «خۇاڭ فېيخوڭ» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى ياكى «فاڭ شىيۈ» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى بولسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ چامباشچىلىق جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ گۇمپىسى كۈچ بىلەن گۈزەللىك تۇيغۇسىنى بىرىكتۈرۈپ، كىشىگە تېخىمۇ كۆپ زوق ئاتا قىلغان.

1. لى شياۋلوڭ

1967-يىلى ئامېرىكىدا دۇنياۋى ھازىرقى زامان جۇڭگو گۇمپىسى «ئىلمىي ئېلىشىش ماھارىتى» - كەسمە مۇشتۋازلىقنى ئىجاد قىلدى. لى شياۋلوڭ بەرپا قىلغان كەسمە مۇشتۋازلىق بولسا دۇنيادىكى ھەرخىل چامباشچىلىقنىڭ جەۋھىرى يۇغۇرۇلغان ھەر تەرەپلىمىلىك ئەركىن چېلىشىش تېخنىكىسى. ئۇ «ھازىرقى زامان جۇڭگو چامباشچىلىق ۋە كىنو تارىخىدىكى تالانت ئىگىسى»، «جۇڭگو چامباشچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم» دەپ ئاتالغان. ئامېرىكىلىقلار ئۇنى «گۇمپا شاھى» دەپ ئاتىغان، ياپونىيەلىكلەر بولسا «چامباشچىلىق ئەۋلىياسى» دەپ نام بەرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号