باش بەت

ئابدۇرەھىم

761يوللانما
162مەستانە

چىلىن 970 بىر تەرەپ قىلغۇچلۇق روڭياۋ V10 ئەتە سېتىلىشقا باشلايدۇ: 2699 يۈەن

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-04 19:02 13 ئىنكاس چۈشتى

TechWeb تېخنىكا تورى 4-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

11-ئاينىڭ 28-كۈنى روڭياۋنىڭ يىللىق بايراقدار يانفونى V10 رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يانفون ئاخىرى بازارغا سېلىنىدىغان بولدى.

بۈگۈن روڭياۋ ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، روڭياۋ V10 يانفونىنىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتە (5-دېكابىر) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 08:08دە ھەر قايسى چوڭ سودا سۇپىلىرىدا سېتىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. باھاسىغا كەلسەك، 4GB + 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 2699 يۈەن، 6GB + 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 2999 يۈەن، 6GB + 128GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 3499 يۈەن.

نۆۋەتتە جىڭدۇڭ تور سودىسى سۇپىسىدا بۇ يانفوننىڭ ئالدىن زاكاز قىلىنىش مىقدارى ئاللىقاچان 550 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، روڭياۋ ئورگان تورىدىكى زاكاز مىقدارىمۇ 250 مىڭدىن ئاشتى، يەنى، پەقەت مۇشۇ ئىككى سۇپىدىلا يەتتە كۈن ئىچىدە بۇ يانفوننىڭ زاكاز مىقدارى 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، دېمەك بۇ يانفوننى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ.

روڭياۋ V10 يانفونىغا 5.99 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، سۈزۈكلۈكى 2160×1080، ئېكراننىڭ ئېگىزلىك ۋە كەڭلىك نىسبىتى 18:9، ئۇنىڭغا خۇاۋېي ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان چىلىن 970 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن، باتارېيە سىغىمى 3750mAh.

كامېراسىغا كەلسەك، بۇ يانفونغا 20 مىليون پىكسېللىق ئاق-قارا ۋە 16 مىليون پىكسېللىق رەڭلىك ئارقا كامېرا سەپلەنگەن، سۈنئىي ئىدراكلىق مۇھىت تونۇش ئىقتىدارى بار. ئالدى كامېراسى 13 مىليون پىكسېللىق، سۈنئىي ئىدراكلىق ئادەم پورتىرېتىنى تونۇش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ساراڭ ئەمەس4 ئاي ئىلگىرى

    سەھەر نۇرداش گوگېل پىلاينى قوزغۇتىمەن دىمەي ،ئىشڭىزنى قىلىڭ ،قېرىندىشىم ،بىزنىڭ شارائىتىمىزغا ماس كەلمەيدۇ ئۇ ئەپ بازىرى

  • ياماخا4 ئاي ئىلگىرى

    139......19ۋىۋو پەقەت سۈپەت سۈرەتكە تارتىشتا ياخشى ،،، سىز ئالدى بىلەن 高通660cpu بىلەن چىلىن 970cpu نى سىلىشتۇرۇپ بېقىڭ ،،، ئاندىن بىلىسىز ،،، بىر ئېغىزلا گەپ ، ئىككىلەنمەي خۇاۋىي ئېلىڭ ،

  • 独一无二4 ئاي ئىلگىرى

    مۇبولىدىكەن،سەپلىمىسى ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىزدىن تامامەن چىقىدۇ،، يەنە ئۇيغۇرچە قوللايدۇ،ھەممە ئىقتىدارىنى،ئاساسەن
    ئىشلىتەلەيدىكەنسىزx20

  • apla_5204 ئاي ئىلگىرى

    x20 vivo مۇ بولىدۇ لېكىن cpu سى ئادەتتىكىچە. مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا قىممەت روڭياۋ v10 نىڭ سەپلىمىسى خىلى يۇقۇرى بوپ قويىدۇ خىلى يىڭىلىق بار بۇ تىلىفۇندا

  • ئ****گ4 ئاي ئىلگىرى

    روڭياۋ نىمادا تېلفۇن جىقھازىر قايسىنى ئالىدىغان گەپزدى بەش تۇتساممۇ ئالما يەنىلام

  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى4 ئاي ئىلگىرى

    سۇ چاڭ توزان ئۆتمەس قىپ ياسىغان بوسا نەچچە پۇلغا ساتاتى بۇ خەق سىمسىز توك قاچىلاش دىگەندەك

  • سەھەر 14 ئاي ئىلگىرى

    نۇرداشلار قايسىڭلار بىىلسىلەر google play ئەپ دۇكىنىنى نىمىشقا قوزغاتقىلى بولمايدۇ

  • دانا4 ئاي ئىلگىرى

    رۇڭياۋ خۇاۋېينىڭ تىلىفوننىمۇ بىلىدىغانلا دەپبىرىڭلا

  • Maluma4 ئاي ئىلگىرى

    ئاپىراتى x20نىڭ ياخشىمۇ ياكى بۇنىڭمۇ

  • Maluma4 ئاي ئىلگىرى

    ۋىۋوx20بىلەن بۇنىڭدىن قايسسى ياخشىدۇ بىر تاللىشىپ بېرىڭلارچۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号