باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ئايال ئوغرى شېرىكىنىڭ پىكاپىدىن «چۈشۈرۈۋېتىلىپ» تۇتۇلۇپ قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-05 12:02 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 4-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

11-ئاينىڭ 28-كۈنى بىر ئايال ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدىكى بىر قوروغا كېلىپ پىكاپتىن چۈشكەندىن كېيىن تىمىسقىلاپ ماڭغىنىچە بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە كىردى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ بىر بوغچىنى ئېلىپ قايتىپ چىقتى. بۇ ۋاقىتتا بىرەيلەننىڭ: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟» دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئالاقزادە بولۇپ شېرىكىنىڭ پىكاپىغا قاراپ يۈگۈردى. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن شېرىكى پىكاپنى بالدۇر قوزغىتىۋالغانلىقى ھەم سۈرئىتى تېز بولغانلىقتىن ئۇ ئايال پىكاپتىن چۈشۈپ قالدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىگىسى ئايال يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: «مېنى قويۇۋېتىڭ! ساقچىغا مەلۇم قىلماڭ» دەپ يالۋرۇدى. بىراق، 10 مىنۇتتىن كېيىن ساقچىلار كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号