باش بەت

راخمان سايكىن

1229يوللانما
6مەستانە

مارستىن مۇكەممەل ھالەتتىكى شارسىمان جىسىم بايقالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-05 13:48 16 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 5-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«قۇياش گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، UFO ئوۋچىسى مارس يۈزىدىن مۇكەممەل ھالەتتىكى شارسىمان جىسىمغا يېقىن كېلىدىغان بىر نەرسىنى بايقىغان. بەزىلەر ھەتتا بۇ نەرسىنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى مارسقا قارىتىپ ئاتقان توپ ئوقى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

UFO ئوۋچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۈرەتلەر ئامېرىكا ئالەم  قاتنىشى ئىدارىسنىڭ مارستا ئەقلىي ئىدراكلىق جانلىقنىڭ بارلىقىغا دائىر دەلىل ئىسپاتلارنى يوشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. داڭلىق ئالەم رازۋېدچىكى «نامەلۇم ئۇچار جىسىملارنى كۆرگۈچىلەر گېزىتى»دىكى Scott C Waringنىڭ ئېيتىشچە، بۇ شارسىمان جىسىم مارستا ئىلگىرى ئۇرۇش بولغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى بولالايدىكەن.

Scott C Waring ماقالىسىدە: «بۇ توپ ئوقى چۈشكەن جاينىڭ ئەتراپى بۇزۇلغان تاشلاردىن تۈزۈلگەن. مېنىڭچە بۇ شارسىمان جىسىم ۋە باشقا مىليونلىغان شارلارنىڭ ھەممىسى ئالەم ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق قەستەن ئېتىلغان ئوقلار. بۇ ئوقلار ئۇلارنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، مارسنى كۆيدۈرۋەتكەن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بەزىلەر بىر مەيدان ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىنى مارستىن ئاجرىتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن مارس يۈزىدىكى بارلىق جانلىق ۋە كۆپ قىسىم ھاياتلىقنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.» دەپ يازغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • AKKUNGUL3 كۈن ئىلگىرى

    مەن پولات دىىگەن پىكىرنى قوللايمەن

  • ئىزھاربەگ1 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي بۇ توپ بىزنىڭ مەلىدە ئۆتكەن يىلى مۇسابىقە قىلغان چۆيۈن توپ شۇكەنغۇ…داۋۇت بودەك بىر ئىتىپ ئاسمانغا چىكەتكەنچە چۈشمىگەنتى…ئۇدۇل مارىسقا بىرىپ توختاپتۇدە كاساپەت…

  • 00001 ئاي ئىلگىرى

    بۇندىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ھىلىقى دىنوزاۋۇرمۇ يە پتنزاۋۇرمۇ ئشقلىپ برمە زاۋۇر يەرشارىدا نەسىلى قۇرۇپ كىتەي دىگەندە باشقا پىلانىتقا كۆچۇپ كەتمەكچى بولۇپ ۋىنراغاقاراپ ئۇچۇپتۇ ئۇچۇپتۇ ،مارىسقا يقىن كەگەندە قۇسقى ئاغرىپ تولغاق تۇتۇپ دە مارىسقا جىددى قونۇپ توككىدە تۇخۇمدىن برنې تۇغۇپلا يولغا راۋان بوپتۇ، لىكن مارىس بەك سۇغۇق بولغاچقا تۇخۇمدىن چۆچە چقماي شۇپىتم قاپتۇ، يللانڭ ئۆتىشى بلەن تۇخۇم تاشقا ئايلىنپ كىتپتۇ، ئاشۇ تۇخۇم شۇ بولىشى ئھتىمالغا ناھايىتى يىقىن، قانداق دەيسىلە كۆپچىلىك

  • بۈگۈننى قەدىرلەڭ1 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۇ بىر تال توپ ئوقى مارىسنى ۋەيران قىلىۋېتىپتىكەنما؟........

  • سالامجـــون1 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي مەن ئۆتكەندە تىپىپ چىقىرۋەتكەن توپ شۇكىن يا ، بىر تەپسەم چۇشمەيدۇ چۇشمەيدۇ ،، شۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىغان ئىدى ، شۇلاغا دەپ قويغان بوساڭلا توپۇمنى ئالغاچ چۇشسە بوپتىكىن ، ھى ھى

  • مەدەتكار-281 ئاي ئىلگىرى

    «يالغۇز ئەركەك »تولىمۇ قىزىقارلىق ئىكەنسىز . ھاھاھا……

  • پولات-1 ئاي ئىلگىرى

    يەرشارېىغا ئىلىپ چۇشۇپ ، نىمە نەرسە ، تەكشۇرۇپ باقسىلا بوممىدىمۇ …

  • قارلۇق1 ئاي ئىلگىرى

    مارسقا بېرىپ ئۇرۇش قىلغۇدەك شۇنچە قالتىس پەن تېخنىكىغا ئىگە تاشقى پىلانىت ئادەملىرىمۇ ئىپتىدائى توپ ئوقى ئىشلىتىدىكەن ھە .. مەن تېخى لازىر نۇرلۇق قوراللار ھېچ بولمىسا بىرەر يادرو بومبىسى ئېتىپ ۋەيران قىلدىمىكى دىسەم

  • يالغۇزئەركەك1 ئاي ئىلگىرى

    بالىلق ۋاقتىمدا دادام مېنى ئوينسۇن دەپ توپ ئېلىپ بەرگەن بىر كۈنى كەچ ئويناۋاتسام نەۋرە ئاكام بىر تىپىك بىلەن ئاسمانغا چىقىرۋەتكەن تاپالمىغان ئۇچۇر بەرگىنىڭلارغا رەھمەت

  • 155******211 ئاي ئىلگىرى

    بۈك سرلىق زادى بڭ ىددقدقدىدىد

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号