باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

كۈنىگە 20 لېتىر سۇ ئىچمىسە تۇرالمايدىغان گېرمانىيەلىك ئەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-05 17:20 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا قىزىقارلىق خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، نورمال ئادەملەرنىڭ ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق بەدەن ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا توغرا كېلىدىكەن، لېكىن گېرمانىيەلىك بىر ئەر كۈنىگە 20 لېتىر سۇ ئىچمىسە بولمايدىغان بىر خىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ بىر سائەت سۇ ئىچمەي قالسىلا كالپۇكى يېرىلىش، بېشى قېيىش قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. يۇقارقى ئالامەتلەر نورمال كىشىلەر ئادەتتە 2-3 كۈن سۇ ئىچمەي سۇسىزلانغاندا ئاندىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن مارك ۋۇببېنخورست (MarcWübbenhorst) ئىسىملىك بۇ ئەر كۆپ سىيىش كېسىلى (يەنە سىيگەكلىك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا قاتتىق ئۇسسىزلىنىش كۆرۈلىدىكەن. مارك كىچىك ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھازىرقىدەك ناچار ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭمۇ  نۇرغۇن دوستلىرى بار ئىكەن، ئۇمۇ باشقىلارغا ئوخشاش نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن كېسىلىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىكەن.

ھازىر مارك كۈنىگە نۇرغۇن مىقداردا سۇ ئىچىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىچكەن سۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك تەرەتكە ئايلىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن. مارك ھەر كۈنى ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا سۇ ئىچىدىغان ئاندىن دەرھال ھاجەتخانىغا يۈگۈرەيدىغان بولۇپ، مارك ئۆزىنىڭ بىرەر كۈنمۇ ئۇدا ئىككى سائەتتىن ئۇزاقراق ۋاقىت ئۇخلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. چۈنكى ماركنىڭ ئۆز ۋاقتى-قەرەلىدە سۇ ئىچىپ سۇ تولۇقلىشىغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، ئۇ كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ 50 قېتىم ھاجەتخانىغا يۈگۈرەيدىكەن.

بۇ خىل كېسەللىك ماركقا يۇقارقىدەك ئاۋارىچىلىقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنى ئۇزۇن سەپەرگە چىقالمايدىغان شۇنداقلا يۇقىرى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ قويغان. بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ئىش ماركنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاسلا قالغان بولۇپ، مارك ئادەتتە پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىپ-كېلىدىغان بولغاچقا، پويىزدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتى ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس ئىدى، لېكىن شۇ كۈنى مارك ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغاندا ئاللىقاچان كەچ سائەت 10 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئېلىۋالغان سۈيىمۇ تۈگەپ كەتكەنىدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن پويىزنىڭ چاقى بۇزۇلۇپ قالغان، مارك پويىزدىن چۈشكەندە ئاللىقاچان ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ كەتكەن بولغاچقا بېشى ئايلىنىپ ھەتتا يۆنىلىشىدىنمۇ ئېزىپ قالغان، بەختكە يارىشا، ماركنىڭ بىر دوستى ئۇنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەخلاق4 ئاي ئىلگىرى

    ۋوججون 50 قىتىم، ، ، ھاجەتخاندا ياتسا بولغۇدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号