باش بەت

كىنوچى

3902يوللانما
216مەستانە

«يېۋىن 4» پات ئارىدا ئىشلەشكە كىرىشىدۇ، بۇ قېتىملىق ۋەقەلىك سىزنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرۇشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-05 18:44 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو كىنوچىلىقىدىكى ھەرىكەتلىك فىلىملەر تىلغا ئېلىنسا، چوقۇم چېڭلوڭ، لى ليەنجيېلەرنىڭ فىلىملىرى ئەڭ ئاۋۋال ئېسىمىزگە كېلىدۇ، يەنە بىرەيلەننىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىمۇ كىشىگە زوق ئاتا قىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئىسمى دەل جېن زىدەن، جېن زىدەن تىلغا ئېلىنسا، ھەممەيلەننىڭ ئېسىگە «يېۋىن» كېلىدۇ.

2008-يىلى يې ۋېيشىن رېژىسسور بىلەن جېن زىدەن ھەمكارلىشىپ «يېۋىن» نى ئىشلىگەن، قويۇلغاندىن كېيىن، ئىنتايىن يۇقىرى باھاغا، ھەمدە 80 مىليونلۇق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن، شۇ ۋاقىتتىكى ۋەكىل خارەكتېرلىك فىلىم ھېسابلىنىدۇ. فىلىم ۋەقەلىكىدە ئەينى يىللىرىدىكى لى شياۋلوڭنىڭ ئۇستازى يېۋىن سۆزلەنگەن، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يوڭچۈن گۇمپىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدىكى ھېكايىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.

بىرىنچى بۆلۈمى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بۆلىمىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەنگەن، ئىككىنچى بۆلۈمىدە خوڭ جىنباۋ بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ قوشۇلۇشى، فىلىمگە زور ئالاھىدىلىك قوشقان، ھەمدە فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى 240 مىليونغا يەتكەن. ئىككىنچى بۆلۈمدە يېۋىننىڭ شياڭگاڭغا بارغاندىن كېيىنكى ھېكايىسى سۆزلەنگەن.

ئۈچىنچى بۆلۈمگە كەلگەندە، «يېۋىن»غا كۆپلىگەن چولپانلار تەكلىپ قىلىنغان، بوكس شاھى تايسون، يېڭى گۇمپا چولپىنى جاڭ جىڭ قاتارلىقلار بۇ فىلىمگە تېخىمۇ زور جەلپ قىلىش كۈچى قوشقان، فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمىمۇ 770 مىليونغا يەتكەن.

جېن زىدەننىڭ يېقىنقى مىكرو بلوگ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ يې ۋېيشىن رېژىسسور بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولىمىز.

يېۋىن تىلغا ئېلىنسا، لى شياۋلوڭمۇ ئېسىمىزگە كەلمەي تۇرالمايدۇ، ئېگىلىنىشىچە، «يېۋىن» نىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى لى شياۋلوڭنى باش رول قىلغان ئاساستا ئۇنىڭ يېۋىن بىلەن بولغان ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، لى شياۋلوڭنىڭ قانداق تەربىيەلەنگەنلىكى سۆزلەنگەندىن كېيىن، «يېۋىن» مۇ ھەقىقىي يوسۇندا ئاخىرلىشىدىكەن. لى شياۋلوڭنىڭ رولىنى ئالغۇچى چېن گوكۈن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، چېن گوكۈن كۆپلىگەن فىلىملەردە لى شياۋلوڭنىڭ رولىنى ئالغان، ئۇنىڭ قوش كالتەك ماھارىتى ۋە كەسمە مۇشتۋازلىقىمۇ ئىنتايىن قالتىس. ئۇنداقتا ئۇنىڭ «يېۋىن 4» دە بىزگە قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلايلى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 火影忍者a4 ئاي ئىلگىرى

    شاھىنشاھ دىگەن ئاداش تايسىن توغۇرلۇق ئۇ گەپنى بېرەسى ئىسپاتلىغانمۇ ئۆسەڭ سۆز ئۇ ھەقىقەتەن ۋەيران بولغان بۇرۇن نىمىشقا ئۇنداق بولغىننى تايسىن توغۇرلۇق كۆپ ئۇقۇساڭ كۆرسەڭ بىلىسەن

  • ✬№⑦ゞฟãℜiŠჟoℕ5 ئاي ئىلگىرى

    جىىڭۋۇ سارىينى نوچى ئىشلەگلىگ چىنجىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号