باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

بىر ئايالنىڭ كىچىك تەرىتىدىن 8 تال قۇرت چىقتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-05 22:05 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 5-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

60 ياشلىق يۈ شۇروڭنىڭ بۆرەك كېسىلى بار. بۇ يىل 5-ئايدا ئۇ بېلى ئاغرىپ، قان تەرەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خاربىن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن بۆرەك ھۈجەيرە راكى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، دوختۇرلار يۈ شۇروڭنىڭ تۆۋەنكى داس بوشلۇقى ۋېناسىدا راك مونەكچىسى بارلىقىنى بايقىدى، بىراق، ئوپېراتسىيە خەتىرى چوڭ بولغانلىقتىن ئوپېراتسىيە قىلدۇرماسلىق تەكلىپى بەردى. شۇنىڭ بىلەن يۈ شۇروڭ ئامالسىز خېيخېغا قايتىپ يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن داۋالاندى. ئەمما بىر نەچچە ئايدىن كېيىن كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، كىچىك تەرىتى راۋان كەلمىدى، قان تەرەت قىلىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇنىڭ كىچىك تەرىتىدىن قۇرت بايقالدى.

خېيخې شەھىرىدە تۇرىدىغان يۈ شۇروڭ تۇنجى قېتىم قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن تەرلەپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ھاجەتخانىغا كىرگەندە كىچىك تەرىتىدىن قۇرت چىقتى. يۈ شۇروڭنىڭ يولدىشى ئۇ قۇرتنىڭ تېخى تىرىك ئىكەنلىكى، ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىرلار ئەتراپىدا كېلىدىغانلىقى، توملۇقى چوكىدەك بارلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن يۈ شۇروڭ ئەتىسى دەرھال خېيخې شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتتى.

خېيخېي شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاۋ گاڭ: «بىز كىچىك تەرەت يولىدىن قۇرت چىققاننى كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا خاربىندىكى بىر نەچچە دوختۇرخانىلاردىكىلەرمۇ كۆرۈپ باقماپتىكەن. ئاخىرىدا، خاربىن تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارازىت قۇرت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىسى بۇنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان، بۆرەك دىيوكتوفىما يىپچە قۇرتى ئىكەنلىكى، بۇنداق كېسەل بولۇپ قالغانلاردىن دۇنيادا پەقەت 10 نەچچىسىلا بارلىقىنى ئېيتتى.

تۇنجى بۆرەك دىيوكتوفىما يىپ قۇرتى بايقالغاندىن كېيىنكى ئىككى ئايدا يۈ شۇروڭنىڭ كىچىك تەرىتىدىن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30-20 سانتىمېتىر كېلىدىغان جەمئىي 8 قۇرت چىقتى.

يۈ شۇروڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر خىل چوڭ تىپلىق پارازىت قىل قۇرتى ئىكەنلىكى، ئىت، سۇ بۇلغۇنى، بۆرە، تۇلۇم چاشقان قاتارلىق 20 نەچچە خىل ھايۋاناتنىڭ بۆرەك ۋە قورساق پەيدا بولىدىغانلىقى، ئاندا-ساندا ئىنسانلارغىمۇ يۇقۇپ بۆرەك دىئوكتوفىم يىپچە قۇرت كېسەللىكى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۆرەك دىئوكتوفىم يىپچە قۇرت كېسەللىكى بولغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ھازىرغىچە چەتئەلدە ئارانلا 17 ئادەمنىڭ، مەملىكىتىمىزدە 11 ئادەمنىڭ مۇشۇنداق كېسەل بولغانلىقىنى بايقالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەلەك4 ئاي ئىلگىرى

    ئاخىرى قانداق بولغاندۇ داۋاملىق خەۋەر بەرسەڭلار ،ھەيران قالدىم كىسىلىنىڭ تىزرەك ساقىيشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

  • تۇيغۇ4 ئاي ئىلگىرى

    ھىلىمۇ ئەركىشى بۇپ قاماپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号