باش بەت

سەپەرجان

3567يوللانما
736مەستانە

مانچېستېر شەھىرىنىڭ مەغلۇپ بولماسلىق قەدىمى ئاخىرلاشتى

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-07 12:23 10 ئىنكاس چۈشتى

بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى زەردارى مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە دونېتسىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئۇدا 227 كۈنگە سوزۇلغان مەغلۇپ بولماسلىق قەدىمى ئاخىرلاشتى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن مانچېستېر شەھىرى ئاللىقاچان گۇرۇپپىدىن سەركىلىك سالاھىيىتىدە چىقىپ بولغانلىقتىن، گۇاردىئولا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆپلىگەن ياش توپچىلارنى مەيدانغا چىقاردى. ئاخىرىدا ئۇلار مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىم رەسمىي مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىشى بولسا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلى ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، ۋېمبلې پۇتبول مەيدانىدا 2:1 نەتىجىدە ئارسېنال كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەقەت دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان، بۇ پەسىللىك ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە بولسا ئۇدا 13 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتتى. بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 135******222 ئاي ئىلگىرى

    مەن دىگەنغۇ :تىشىلمەيدىغان چىلەك يوق -يىڭىلمەيدىغان كوماندا……

  • italy(خەلقئارامىلان،ئارسېنال مەستانىسى)2 ئاي ئىلگىرى

    باسا مەستانسى،نورداش خەلقارا مىلاننى ئونتوپ قالدىڭىزمو قانداق،ئولامو بىر مەيدان يىڭىلمىدى

  • mamate3304872 ئاي ئىلگىرى

    پارىژ دىمارىيا دىگەن گاچا ،پارىژ مىباپى،كاۋانى،نىيمار دىگەنلەرنى چىقاردى ،يەنە تىخى ئاساسلىق ئەزاسىنى چىقارمىدىما

  • بىر تامچە!2 ئاي ئىلگىرى

    مو تەلۋە رەقىپ بولالمايدۇ گو سۇمبۇلغا، مو تەلۋە مادرىدتىكى ۋاقىتتا گو سۇمبۇلدىن جىق پەشۋا يەپ قوقاپ كەتكەن،

  • 10-نۇمۇر2 ئاي ئىلگىرى

    گو تاز نىڭ كاللىسى ئىشلەيدۇ جۇمۇ ئۇ قىزىل ئالۋاستېلارنى يەر چېشلىتىش ئۈچۈن بۇ قېتېم تەلەي سىنىدى ئەمدې قىززىقنى قزىل ئالۋاستې بىلەن بولغان جەڭدە كۈرمىز

  • پارىژ-دىمارىيا2 ئاي ئىلگىرى

    پارىژمۇ ئاساسلىق ئەزالارنى ئارام ئالدۇرۇپ يىڭىلدى ،شەھەرمۇ شۇنداق قىلدى ،

  • semet2 ئاي ئىلگىرى

    گوتاز مانچىستېر شەھىرى ھامىنى يېڭىلىدۇ دەۋاتاتتى قاپىقى تاتقان ئوخشايدۇ دىگىنى كەپتۇ زادى مەڭگۈ يىڭىلمەس كۇلۇپ يوق

  • خانلىق مادرىد مەستانىسى2 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئامراق كوماندام بولغان قىزىل ئالۋاستىلار مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا مۇشۇلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىدىغان بولدىدە…

  • سامان يولى جەڭ كىمىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى مورنھومۇ جايلىسا بۇلارنى ئوياننىڭ قىززىقىنى كۆرىمىز

  • 巴萨➡梅西➡诺伊尔➡博格巴 مەستانىسى2 ئاي ئىلگىرى

    گوتازەك ئەسلەدە نوچىلىق قىلمىساڭ بۇلاتتى ئاساسلىق ئەزەلارنى ئارام ئالدۇرۇپ يىڭىلدىڭ مانا ئەمدى يىڭىلمىگەن كۇماندىلاردىن باسسا ئاتلىتكا قاپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号